guide
ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىققا ﻫۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى
يوللانغان ۋاقتى :
01-28
كۆرۈلۈشى:
1880 قىتىم
1.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدۇ.
2.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز-ئۆزىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ﻫۆرمەتلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ﻫۆرمەتلەش ئەمەس،بەلكى ئۆزىدىن بىزار بولىدۇ.
3.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە ئىشىنىدۇ،ئەكسىچە بولسا،گۇمانلىنىدۇ.
4.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە ئۆز-ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تۇيغۇسى مول بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل ياكى يوق بولۇپ،ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.
5.پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەر سەمىمىي-ساداقەتمەن كېلىدۇ،ئەكسىچە بولسا،ياسالما ۋە سەمىمىيەتسىز بولىدۇ.
6.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىدۋار بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،روﻫى چۈشكۈن بولىدۇ.
7.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنىڭ شەخسى ئىقتىدارىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆلاز ئىقتىدارى ﻫەققىدە ﻫېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ.
8.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز مۇۋاپىقىيىتىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،غەلبە قىلىشتىن قورقىدۇ ياكى غەلبىسىنى ئىنكار قىلىدۇ.
9.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ﻫاياجانلىنىپ كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ.
10.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،يەككە چەكلىمىلىكلەرنى قۇبۇل قىلالايدۇ.بۇ سەۋەبلىك ئارامسىزلىنىپ،خىجىل بولۇپ ئۆزىنى جىنايەتكاردەك ﻫېس قىلمايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تەنقىدلىنىش ۋە يېڭىلىشتىن قورقىدۇ.
11.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،بىرەر ئىش قىلغاندا تەشەببۇسكار ۋە بېرىلىشچان بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا پاسسىپ بولىدۇ.
12.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پەقەت ئۆزىنىلا مەركەز قىلىدۇ.
13.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ﻫېسىيات جەﻫەتتە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەكسىچە بولسا باشقىلارغا سوغۇق مۇئامىلىدە بولىدۇ.
14.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىشەنچىسى تولۇپ تاشقان بولۇپ،ئۆزىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىيالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئىشەنچىسى كەمچىل،ئۆزىنى يۇشۇرۇشقا تىرشىدۇ.
15.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خىجىل بولۇپ،ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
16.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ﻫەقىقي ﻫېس-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆز ﻫېس-تۇيغۇلىرىنى بېسىشقا ئۇرىنىدۇ.
17.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مېﻬرىبان ۋە ئاقكۆڭۈل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ﻫۇجۇم قىلىش قىلمىشى ئېغىر ﻫەم باشقىلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.
18.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارغا كۆيۈنۈش ۋە باشقىلارنى ئاسىراشنى بىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ.
19.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئىلاستىكىچانلىقى يۇقىرى،يەنى ماسلىشىش چانلىقى يۇقىرى بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،قاتمال،مۇتەئەسسىپ،ئۆزگەرمەس بولىدۇ.
20.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ئېڭى تۆۋەنرەك بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى يۇكسەك دەرىجىدە مۇداپىيە قىلىدۇ.
21.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۈمىد ئارزۇلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن مۇۋاپىق بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئەمىلىيەتتتىن ﻫالقىغان،بەك ئاددىي ياكى ﻫېچقانداق ئۈمىد ئارزۇسى يوق بولىدۇ.
22.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،باشقىلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ،ئۆگىنىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،تايىنى يوق قۇسۇرلارنى تاپىدۇ،باشقىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.
23.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆسۈپ-يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەجىربىلەرگە خۇشاللىق بىلەن يۈزلىنەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،يېڭى تەجىربىلەرگە قارشى تۇرىدۇ.
24.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ۋە جەڭ ئېلان قىلىشتىن ﻫوزۇر ﻫېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ.
25.پىسخىكىسى ساغلام بولسا، سالماق ۋە بىمالال يۇرىدۇ.ئەكسىچە بولسا،پاسسىپ ﻫەم جىددىيلىشىپلا يۈرۈيدۇ.
26.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،خالىمايدۇ.
27.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ئىقتىدارىنى توغرا،دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى ئاجىز،ئوڭايلا زەربىگە ئۇچىرايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.
28.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆز ﻫەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ياردەمسىز قالدىم،دەپ قارايدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىبلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولىدۇ.
29.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىگە مۇۋاپىق كۈرەش نىشانى بېكىتەلەيدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇنداق كىشىلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك توغرا ۋە ئېنىق نىشانى بولمايدۇ.
30.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،مۇستەققىل ۋە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ.ئەكسىچە بولسا،باشقىلارغا تايىنىۋالىدۇ.
31.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،قەتئىي ۋە كەسكىن بولىدۇ.ئەكسىچە  بولسا، بىر ئىشنى دائىم يېرىم قىلىپ تاشلاپ قويىدۇ.ئوڭايلا بەل قويۋېتىدۇ.ﻫەتتا بەزىلىرى ئۆز ﻫاياتىدىنمۇ كېچىدۇ.
32.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ئۆزىدىن رازى بولىدۇ،باشقىلارنىڭ يېقىنچىلىق مۇناسىۋەتلىرىدىن خۇشاللىق ﻫېس قىلىدۇ.ئەكسىچە بولسا،ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدۇ،ﻫەم باشقىلارنىمۇ كۆرەلمەيدۇ.
33.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،شەخسى تىرىشچانلىقىنىڭ ئۆز ﻫاياتىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.ئەكسىچە بولسا،مۇتەئەسىپلىك بىلەن موﻫىت ۋە شارائىتتىن ئاغرىنىدۇ.
34.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ﻫاياتلىققا بولغان كۆزقارىشى: ”مەنمۇ يامان ئەمەس،مەن  ئۆز ﻫاياتىمنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرالايمەن“دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.ئەكسىچە بولسا، ”مەن بەك ناچار،ﻫاياتىمنى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىزمەن“دەپ قارايدۇ.
35.پىسخىكىسى ساغلام بولسا،ﻫازىرى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن يۆلىنىش بېكىتىۋالىدۇ.ئەكسىچە بولسا،بۇرۇنقى كەچۈرمىش ۋە كەلگۈسى ئارزۇ-ئۈمىدكە نىسبەتەن تەتۈر پوزىتسىيىدە بولىدۇ.


دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ بى شۇمىن خانىمنىڭ ”بەختنىڭ سىرىنى ئېچىش ”ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى:لوپنۇرى