ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 690 قىتىم

مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى : ئائىلە تاپشۇرۇقى قانچە كۆپ بولسا ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى سىدنېي 19 – نويابىر تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيە مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەيدۇ: ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ ئانچە چوڭ رولى يوق.
ئاۋسترالىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان بىر كىتابتا تونۇشتۇرۇشىچە، سائەت – سائەتلەپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بالىلارنىڭ سىنىپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆتۈرۈلمەيدىكەن.
رىتچارد ۋالكېر ۋە مىك خورسلېي يازغان «ئائىلە تاپشۇرۇقىنى ئىسلاﻫ قىلايلى» ناملىق ماقالىدە، ئائىلە تاپشۇرۇقىغا سەرپ قىلىنغان ۋاقىت قانچە كۆپ بولسا، ئۆگىنىش ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ، دېگەن يەكۈن دەلىللەنگەن.
سىدنىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ۋالكېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ 70 – يىللاردىكى تەتقىقات ۋە ئەڭ ياخشى ئىستاتىستىكىلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ چىقىرىلغان ناﻫايىتى ئېنىق خۇلاسە ، بۇ خۇلاسە ئىنتايىن ئىشەنچلىك».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ نۇقتىئىينەزىرى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىمۇ ئىلىم – پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى دەرىجىگە تۇرغۇزغاندا ئائىلە تاپشۇرۇقى كۆپ دۆلەتنىڭ ئائىلە تاپشۇرۇقى ئاز دۆلەتتىن كېيىن تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى گېرمانىيە تۇبىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئالىم ئۇلرىش تروۋتۋېينىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئوپئوخشاش چىققان.
ئادەتتە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى كۆپ بېرىشتىكى مەقسەت بالىلارنى ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ۋە بىر قىسىم تەشكىللەش ماﻫارەتلىرىنى ئۆگىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت. لېكىن، ۋېلكېرنىڭ بۇ جەﻫەتتىكى قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئۇ: «تەشكىللەش ماﻫارەتلىرىنى بالىلار پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايىنىش ئارقىلىق يېتىلدۈرمەستىن، بەلكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېتىلدۈرىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل ماﻫارەتلەر دەسلىپىدە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولىدۇ، ئاتا – ئانىسى بىلەن پىكىرلىشىش داۋامىدا بالىلارنىڭ شەخسىي ماﻫارىتىگە ئايلىنىدۇ. بىراق، كىشىلەر نوقۇل ئۆگىنىش قىلىشقا تايىنىپ بۇنداق ماﻫارەتلەرنى ﻫەرگىز يېتىلدۈرەلمەيدۇ».
بىراق، بىرقىسىم ئاتا – ئانىلار ئائىلە تاپشۇرۇقىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، تاپشۇرۇقنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ئوقۇتقۇچىنى باﻫالايدۇ.