guide
كىتاب ئوقۇش ئادىتى كىشىلىك دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1077 قىتىم
   /
 
    كىتاب ئوقۇش ئادىتى بىر ئادەمنىڭ خاسلىقى، ئالاﻫىدىلىكى شۇنداقلا كەيپىيات ئۆزگۈرۈشىنى چۈشىنىشتە ناﻫايىتى چوڭ ياردىمى بار. بۇنىڭغا قارىتا FBI كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى تۆۋەندىكى تۈرلەرگە ئايرىغان.

  1. رومانتىك ﻫېكايىلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە ﻫېسسىياتقا باي، كۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بىۋاستە سېزىمىدىن قىلچىمۇ گۇمانلانمايدۇ، تۇرمۇشقا ئىشەنچى يېتەرلىك، شۇنداقلا بۇ خىل كىشىلەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ياكى مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغاندا قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ، يىقىلغان ئورنىدىن دەس تۇرالايدۇ.

  2. تەرجىمىﻬال خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر چوڭقۇر پىكىر قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بويسۇندۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك، ﻫەم پۇختا، كەمتەرلىك بىلەن سوراشقا ئامراق، پايدا – زىيان، ئېرىشكىنى بىلەن يوقاتقىنى قاتارلىقلارنىڭ ﻫەممىسىنى ئەتراپلىق دەڭسەپ ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلالايدۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلمىسە، ﻫەرگىزمۇ ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەجبۇرىي ﻫەرىكەت قىلمايدۇ.

  3. قىزىقارلىق كۈلدۈرگە ئەسەرلىرىنى ئوقۇشنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر سەل بىغەم، ئوچۇق، يۇمۇرىستىك، ﻫەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلگەندە ياكى توسالغۇغا ئۇچرىغاندا قورۇقمايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى كۈچلۈك.

  4. گېزىت ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىنى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل كېلىدۇ. ئۇلار ئادەتتە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى چوڭ ئىشلارغا ناﻫايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆزگۈرۈش ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۆزىنىڭ ﻫەرىكىتى ئارقىلىق زاماننىڭ قەدىمىگە يېتىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى سەزگۈر، يېڭى شەيئىلەرگە تىزلىكتە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ، شۇنداقلا ﻫەر خىل ئىدىيىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماﻫىر كېلىدۇ.

  5. رەسىملىك ژۇرنال ياكى چوڭ تىپتىكى سۈرەت توپلاملىرىنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىشتىياقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە قىزغىن، مېﻬماندوست، دوست تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بولۇشغا ئادەتلىنىپ قالغان.

  6. رازۋېدكا ياكى ئەنزە پاش قىلىش تۈرىدىكى كىتابلارنى كۆرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئىدىيە جەﻫەتتىكى رىقابەتنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەتلىك كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ لوگىلىكلىق تەپەككۈر ئىقتىدارى كۈچلۈك، ﻫەر خىل قىيىن مەسىلىلەرنى ﻫەل قىلشقا ماﻫىركېلىدۇ، باشقىلارغا نىسبەتەن ﻫەل قىلىش تەس مەسىلىلەرگە قارىتا ئادەتتە ئىشتىياقى تېخىمۇ كۈچلۈك، بولۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ﻫەل قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىق تاپالايدۇ.

  7. ئەگەر فانتازىيىلىك كىتابلارنى گۆﻫەر دەپ قارىساق، ئۇنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەر جەزمەن تەسەۋۋۇرغا باي، تەپەككۇر قىلىشى تەرەققىي قىلغان، شۇنداقلا مول ئىجادچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار دائىم ئىلىم – پەن تېخنىكىسى تەرىپىدىن جەلىپ قىلىنىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈدۇ. بىراق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روﻫىي كەمچىل بولىدۇ.

  8. مالىيە – ئىقتىساد تۈرىدىكى كىتابلارنى كۆرۈشكە ئامراق كىشىلەر مەلۇم بىر ساﻫەدە ئۈنۈم ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە ئېتقاد قىلىدۇ،ﻫەمدە ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان كىشىلىك ﻫاياتنىڭ چوققىسىغا يېتىشنى تىرىشىدۇ.

  9. زامانىۋى، مودا ژۇرناللارنى ياقتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ شۆﻫرەتپەرەسلىكى ئېغىرراق بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە كېيىنىشىگە بەك ئەﻫمىيەت بېرىپ، ئابرويىغا دىققەت قىلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىمكانقەدەر ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوبرازىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ، ئۆزىنى ﻫەممىدىن يۇقىرى دەپ چاغلايدۇ.

  10. ناخشا - شېئىر تۈرىدىكى كىتابلارنى بەك ياقتۇرىدىغان كىشىلەر كىشىلىك تۇرمۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كىشىلىك دۇنيادىكى ﻫەممە گۈزەل نەرسىلەرنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئاڭلىق ﻫالدا شېئىرنىڭ تاۋلىشى ئارقىسىدا قايتا ئويلىنىپ تەپەككۈر قىلىپ، روﻫىيىتىنى تازىلاپ، «ﻫەقىقەتەن مۇكەممەل» بولۇشنى تىرىشىپ قوغلىشىدۇ.

  11. مۇبادا تارىخىي كىتابلارنى زوق ئىشتىياق بىلەن ئوقۇسا، بۇ خىل كىشىلەر ئەمەلىيەتكە ﻫۆرمەت قىلىدۇ، ئېتىبار بېرىدۇ، ئۈنۈمگە ئەﻫمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ۋاقىتنى تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگۈنۈش – تەتقىقاتقا زېﻬنىنى سەرىپ قىلىدۇ.