guide
تۆت خىل رەڭ تەشۋىشنى يېنىكلىتىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
749 قىتىم
/
 
  تۆت خىل رەڭ دۇنيانى رەڭدارلاشتۇرۇپلا قالماي ، يەنە روﻫنى ئۇرغۇتۇپ، جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، تەشۋىشنى يېنىكلىتىدۇ . رەڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنىڭ كىشىلىك ئالاقىدە ئۇتۇق قازىنىشقا ياردىمى بار . بولۇپمۇ تۆۋەندىكى تۆت خىل رەڭ ئازادە مۇﻫىت يارىتىپ ، بىزنى غەم–ئەندىشىدىن خالاس قىلىدۇ.
   كۆك رەڭ دېڭىز ۋە ئاسماننىڭ رەڭگى بولۇپ، كىشىگە ئىللىق، تىنچ، ئازادە تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. كۆك رەڭلىك مۇﻫىتتا خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشخانىلار كۆك رەڭدە بېزىلىدۇ . كۆك رەڭ يەنە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلاپ ، غەم–قايغۇنى يەڭگىللىتىدۇ . بالىلار ئىمتىﻬاندىن بۇرۇن جىددىيلىشىپ ياخشى ئۇخلىيالمىسا ، ئۇلارنىڭ يوتقان ، كىرلىكلىرىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىپ بېرىش ئەڭ ئاقىلانىلىق . كۆك رەڭ يەنە سەمىمىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يۈزتۇرانە ئىمتىﻬاندا كۆك كىيىم كىيىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
   بىنەپشە رەڭ تەربىيە كۆرگەنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، روﻫىي جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ . رۇسىيەدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر ئاق لامپۇچكىلارنى بىنەپشە رەڭلىك لامپۇچكىلارغا ئالماشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئاچقان . بىنەپشە رەڭ يەنە ﻫامىلىدار ئاياللارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ﻫامىلىدار ئاياللار ئۆيدە بىنەپشە رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋالسا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئەندىشىدىن ساقلىنالايدۇ.
 
ﻫال رەڭ ئەركىن–ئازادە كەيپىيات يارىتىدۇ . ﻫال رەڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ﻫورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشىنى ئازايتىپ، دەرغەزەپكە كەلگەن كىشىنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرىدۇ. ئىچ-ئىچىدىن يالغۇزلۇق ﻫېس قىلىدىغان ۋە روﻫىي بېسىمغا ئۇچرىغان كىشىلەر ﻫال رەڭلىك كىرلىكنى تاللىسا ئىنتايىن مۇۋاپىق. تۇغۇت بۆلۈمى ۋە بالىلار بۆلۈمىنىڭ سېستىرالىرى ئادەتتە ﻫال رەڭلىك خىزمەت كىيىمى كىيىۋالسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئىللىق، يېقىملىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ ﻫەمدە ئاق كىيىمنىڭ بالنېتسىدا ياتقان بوۋاقلارغا بېرىدىغان سۈرىنى پەسەيتىدۇ. ﻫال رەڭلىك كۆڭلەك كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك، ئۇلار كىشىلىك ئالاقىدە ناﻫايىتى جەڭگىۋار، ئىشخانا كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ماﻫىر، ئىش ﻫەققىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
   يېشىل رەڭ ﻫاياتلىقنىڭ بەلگىسى ، كىشىلىك ﻫاياتقا جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىدۇ. يېشىل رەڭلىك مۇﻫىتتېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 1 ~ 2 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى ﻫەر مىنۇتتا 4 ~ 8 قېتىم ئازايتىدۇ ، نەپەسنى تەكشىلەپ ، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئىچى تىتىلدايدىغان كىشىلەر ئاچ يېشىل رەڭلىك كىرلىك ئىشلەتسە مۇۋاپىق . ئوپېراتسىيە بۆلۈمى ۋە ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى دوختۇر–سېسترالارنىڭ كىيىمى ئاچ يېشىل رەڭلىك بولسا، بىمارنىڭ قەلبىدىكى كېسەللىكۋەﻫىمىسىنى پەسەيتىپ، بىمارغا قۇدرەتلىك ﻫاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ.