ئامرىكىلىق مۇنەۋەر ئوقوتقۇچىنىڭ جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن تەكلىپى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 869 قىتىم

1.مۇمكىن قەدەر بالىڭىزنى كۆپرەك ماختاڭ. بالىلار بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچە تۇغۇزالىغاندا ئاندىن ئۆگىنىش قىلىشنى خالايدۇ. بالىلارغا ﻫەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىدە بەلگىلىك نەتىجىگە (مەسىلەن بىرەر كەمچىلىكىنى تۈزەتكەنلىكى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ) ئىرىشكەنلىكىنى ﻫىس قىلدۇرۇش كىرەك.
2. بالىلارنىڭ ئۆگىىش مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي ئىلگىرلەش دەرىجىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كىرەك. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن كۆپرەك يىقىندىن بىرى نىمىلەرنى ئۆگەنلىكىنى، قانداقراق ئۆگەنگنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرىشى كىرەك.
3. بالىلارغا دائىم ئاسان يىتەلەيدىغان نىشان بەلگىلەپ بىرىش كىرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلار تىرىشچانلىق كۆرسەتسە نىشانغا يىتەلەيدىغانلىقىنى ﻫىس قىلالايدۇ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ پەيدا بولۇپ، بالىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
4. بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىستىكىنى قوزغاشقا ئەﻫمىيەت بىرىش كىرەك. تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ بالىلارنى مەشىق قىلدۇرۇش كىرەك.
5. بالىلاردا مەسئۇلىيەت ئىڭى تۇرغۇزۇشقا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىش كىرەك. بالىلارنى قازان-قۇمۇچ، قول ياغلىق، پايپاق قاتارلىقلارنى يۇيۇش، ئۆزىنىڭ ئوران-كۆرپىسىنى، نەرسىللىرىنى رەتلەشكە يىتەكلەپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدۇرۇش كىرەك.
6. بالىلاردىن تەلەپ قىلغان ئىشلاردا ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولىشى كىرەك.
7. مۈمكىن قەدەر بالىلارنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يامان گىپىنى قىلماسلىق كىرەك.
8. ئائىلىدە ئۆگىنىش تەرتىۋىنى تۇرغۇزۇش ﻫەمدە ئىزچىل ئىجىرا قىلىش، شۇ ئارقىلىق بالىلاردا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
9. بالىلارنى سۇئال سوراشقا ماﻫىر بولۇشقا يىتەكلەش، بالىلاردا دائىم نىمە ئۈچۈن دەپ سورايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
10. بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەﻫۋالىغا كۆڭۇل بۆلۈش، بالىلارنىڭ دەرس تاشلاش ئەﻫۋاللىرىنى سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئالدىنى ئىلىش كىرەك.