guide
بالدۇر ئۇخلاش ئارقىلىق تېرىككەكلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
720 قىتىم
 
/
 
كىشىلەر دائىم بالدۇر ئۇخلاپ، سەﻫەر تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق، دېيىشىدۇ. يېقىندا ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار قېنىپ ئۇخلاش ياشلار-ئۆسمۈرلەردىكى ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ﻫەم بۇنىڭ ئۇلاردىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار 15 مىڭ ياش-ئۆسمۈر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ﻫەر كۈنى سەككىز سائەت ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىغاندا، ﻫەر كۈنى بەش سائەت ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 71، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇش ئېﻬتىماللىقى 48 يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇر بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى دائىم كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دائىم كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئۇخلايدىغان ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەبىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 24، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خىيالىنىڭ پەيدا بولۇش ئېﻬتىماللىقى 20 يۇقىرى بولغان.