تاماق ۋاقتىدىكى كەيپىيات يېمەكلىكلەرنىڭ ﻫەزىم بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 791 قىتىم

تاماق ۋاقتىدىكى كەيپىيات يېمەكلىكلەرنىڭ ﻫەزىم بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تاماقنى خوشال كەيپىياتتا يىسە، ﻫەزىم بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بىراق بەزى كىشىلەر ﻫەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ.
ئاغزىدا يېمەكلىك بار تۇرۇپ ۋاقىراش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بۇنداق چاغدا يېمەكلىكلەر كانايغا كىرىپ كېتىپ،قاتتىق يۆتەلنى پەيدا قىلىدۇ. يېمەكلىكلەر كانايغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتسە، يامان ئاقىۋەتلەرنى ﻫەتتا ئۆلۈم خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
بۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، تاماق ۋاقتىدا ئاچچىقلانغاندا يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا نورمال ﻫەزىم بولۇشىغا تەسىر يېتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن تاماق يىگەن ۋاقىتتا خوشال-خورام يىيىش،ﻫەرگىزمۇ ئاچچىقلانماسلىق كېرەك.