كىشىلىك تۇرمۇشتىكى «ئون»نى ساقلىماسلىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 909 قىتىم

1 . سۈيگۈگە ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزدا ئاندىن بېغىشلاشنى ساقلىماڭ
كىشىلىك تۇرمۇش بىر مەيدان ئويۇنغا ئوخشايدۇ ، ساقلاش ئىچىدە گۈزەللىكنى قولدىن بېرىپ قويىمىز ، خۇددى ناخشىلاردا ئېيتىلغاندەك ، ئوتتۇرىغا چىقىشقا تېگىشلىك بولسا چوقۇم چىقىش لازىم .چۈنكى بەخت ئۇ سىزنىڭ يېنىڭىزدىلا، ئەمدىئۆزەمنى بېغىشلاي دېگىنىڭىزدە، سۆيگۈ ئۇ يېنىڭىزدىن سىلىققىنە سىيپاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، سىزدە قالىدىغىنى شۇ ئېچىنىش ۋە پۇشايمان .
.2 يالغۇز قالغىنىڭىزدا ئاندىن دوستىڭىزنى ئەسلەشنى ساقلىماڭ
دوست دېگەن نېمە ؟ ﻫەقىقى دوست مەڭگۈ سىزنى تاشلىۋەتمەيدۇ . كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەم يېقىن سىرداشقا تويۇپ ئۆتمەيدۇ، يالغۇز قالغىنىڭىزدا ، تېڭىرقاپقالغىنىڭىزدا ، دوستىڭىز سىزنىڭ ئەڭ سادىق ئاڭلىغۇچىڭىز، ئۇلاردا غۇدۇراش يوق ، ئۇلاردا پەقەت شۇ بىر تال جاﻫاننى سىغدۇرالايدىغان يۈرەكلا بار .
3 . ۋەزىپە بولغاندىلا ئاندىن تىرىشىپ ئىشلەشنى ساقلىماڭ
بەزى كىشىلەر پۈتۈن بىر ئۆمۈرىدە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك خىزمەتنى ساقلايدۇ ،تاكى چاچلىرى ئاقارغۇچىلىك جاﻫىللىق قىلىپ ساقلايدۇ.چۈنكى بۇ دۇنيا تولىمۇ رەڭگارەڭ، پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا ﻫەممىلا يەردە ئۆزىڭىز رازى بولغۇدەك خىزمەت تاپالايسىز.
4.مەغلۇپ بولغىنىڭىزدا ئاندىن باشقىلارنىڭ نەسىﻬىتىنى ئەسكە ئېلىشنى ساقلىماڭ
قۇلاققا ياقمىغان بىلەن ﻫەركىتىڭىزگە پايدىلىق،ياخشى دورا ئاچچىق بولغىنى بىلەن كېسەلگە شىپا قىلىدۇ.ئادەملەر ﻫەمىشە چېقىمچىلىققا بەكلا ئىشىنىپ كېتىدۇ ، چۈنكى چېقىمچىلىق دېگەن شۇنداق گۈزەل، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئادەملەر يەنىلا بۇ قەدىمى گەپنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇب بولۇشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغۇنىمىزدا،ﻫەممە نەرسىلەر ﻫەش-پەش دېگۈچە غايىپ بولىدۇ.
5.ئاغرىپ قالغىنىڭىزدا ئاندىن ﻫاياتلىقنىڭ ئاجىزلىقىنى ﻫېس قىلىشنى ساقلىماڭ
ﻫايات ﻫەقىقەن بەك ئاجىز،بىر تال چۈمۈلە بەلكىم سىزنىڭ ئايىقىڭىز ئاستىدا ئۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن،بىراق سىز بۇنى ﻫېىس قىلالمايسىز،بەلكىم سىز ﻫاياتلىقنىڭگىرۋەكلىرىدە ئايلىنىپ يۈرۈشىڭىز مۇمكىن.شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ﻫاياتىنى قەدىرلىمەيسىز؟
6.ئايرىلىدىغان چېغىڭىزدا مۇﻫەببىتىڭىزنى قەدىرلىمىگەنلىگىز ئۈچۈن قىلىدىغان پۇشايماننى ساقلىماڭ
نېمە ئۈچۈن دائىم ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن قەدىرلەشنى تونۇپ يېتىمىز؟ چۈنكى جاﻫاندا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ، يېتىشسىزلىكى يوق ئادەم بولمايدۇ.كەڭ قورساقلىق قىلىدىغان قەلبىمىز بىلەن باشقىلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىنىمىزئۆزىمىزگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلىغىنىمز بىلەن بارۋەردۇر.
7.باشقىلار سىزنى ماختىغاندا ئاندىن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىشنى ساقلىماڭ
ﻫەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىش مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى ساقلىماڭ ، بەلكىم ئۇ چاغدا سىز تولىمۇ كېچىككەن بۇلۇشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى ﻫاياتلىق سىزگە بىرنۆۋەتلا تەۋە بولىدۇ، ئۇ ﻫەرگىزمۇ دەۋرىيلەنمەيدۇ ۋە ياكى قايتىلانمايدۇ.
8.باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەندىلا ئاندىن خاتالاشقىنىڭىزنى ساقلىماڭ
ئەمىليەتتە، خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالىغان ئادەمنى ﻫىچكىم مازاق قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنداقلار باشقىلارنىڭ ﻫۆرمىتىگە نائىل بولالايدۇ.چۈنكى ﻫەرقانداق ئادەمدە خاتالىق بولىدۇ، پەقەت شۇ بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇشۇرۇشقا ماﻫىر كېلىدۇ، بەزىلەر خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.
9.باي بولغۇنىڭزدا ئاندىن نامراتلارغا ياردەم قىلىشنى ساقلىماڭ
باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىش ئۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق،باي بولغان چېغىڭىزدا سىز بەلكىم خوشال بولالماسلىغىڭىز مۇمكىن، چۈنكى بۇ چاغدىكى سەدىقىلىرىنىڭىزنى باشقىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشى ناتايىن.
10.سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن تۇرمۇشنى سۆيىدىغانلىغىڭىزنى ساقلىماڭ
تۇرمۇش دېگەن شۇنداق گۈزەل، نېمە ئۈچۈن ئويۇنغا ئوخشايدىغان كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇﻫتاج بىز.كىشىلىك تۇرمۇش ئۇزۇن كەتكەن بىر دەرياغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، چېگرىسى بولمايدۇ.ئاغرىق-سىلاق ۋە ئۆلۈم-يىتىم سەۋەبلىك ئۇ ﻫەرگىزمۇ ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.تۇرمۇشنى سۆيگەنلىك ئۆزىمىزنى سۆيگەنلىك، چۈنكى ﻫاياتلىقتىكى بىر قانائەتلىنەرلىك چىكىت ﻫامان قويۇلىدۇ.