نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ﻫېسسىي ئىقتىدارى چېكىنىپ كەتكەن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1001 قىتىم

سىتانفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلار گېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ﻫالىتى ئەڭ زور دەرىجىدىكى بېسىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئەقلى بىلەن ﻫەرىكىتىدىكى تەلەپكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن، ئەمما قوزغىتىش نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى مۇرەككەپ نېرۋىلار تورىدا ئۆزگىرىش بولۇپتۇ، ﻫەمدە ئىنسانلارنىڭ ﻫازىر ياشىشى ئەقلى ئىقتىدارنى تۇلۇق تەلەپ قىلىپ كەتمەيدىكەن، بۇ خىل ئۆزگىرىش بولسا ﻫەرگىزمۇ جەمئىيەتكە ماسلىشىش بولماستىن بەلكى، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى بىلەن ﻫېسسىي ئىقتىدارىدا تەدرىجىي چېكىنىش بولۇپتۇ. ئەمما دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئىنسانلار ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن، چۈنكى ئەگەر چېكىنىش بىر قەدەر ئېغىر بولغان شۇ كۈنى، مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا ماتېرىياللىرى تەبىئىي تاللىنىش تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن.
بۇ قېتىملىق دوكلاتتىكى دوكتورنىڭ دېيىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتى بىلەن كۆپ مىقدارىدىكى ئەقلى گېنىنىڭ ئەلالىشىشى بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەرەققىياتى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن، باشقا نۇقتىلارنى نىشان قىلغان ﻫالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ خىل ئەﻫۋال ئاستىدا، ئەقلى ئىقتىدار بولسا ﻫاياتلىقىنى ساقلاشتىكى مۇﻫىم ئامىل بولۇپ ﻫېسابلىنىدىكەن، ﻫەمدە كۆپ مىقداردىكى تاللاش بېسىمى ئەقلى ئىقتىدارلىق گېننىڭ تەرەققىياتىدىكى تاللاشتا مۇﻫىم رول ئوينايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىنسانلار ئەقلى ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدىكەن.
ئەمما، يېزائىگىلىك بىلەن شەﻫەرلىشىش تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىكى تەرەققىياتىدا پاسسىپ رول ئويناپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن بارغانسېرى تۆۋەنلەپتۇ. مۇناسىۋەتلىك دوكتورنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 3000 مىڭ يىلدىكى 120 دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئىچىدە، ئىنسانلار ئاللىقاچان ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ئەقلى ئىقتىدارى ۋە ﻫېسسىي ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى قىلىپ بولۇپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى زاماندىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىدا بايقىلىشىچە، مېڭە ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان گېنلارنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولۇپتۇ.
ئەمما شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بېسىمنى تاللايدىغان كېمىيىش سۈرئىتىمۇ ناﻫايىتى ئاستا بولۇپتۇ، ﻫەمدە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلىشىپتۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسىدە چوقۇم پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ﻫەل قىلىشقا بولىدىكەن.
ئۇ يەنە : «ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، بىز ﻫەر قانداق مۇناسىۋەتلىك توقۇلمىلارنى كونترول قىلىدىغان گېنلارنى ئوڭشىيالمايمىز، شۇ چاغدا ئىلگىرى بار بولغان تەبىئىي تاللىنىشىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ» دەپتۇ.