بېسىمنى تۈگۈتۈشتىكى 20 خىل ئۇسۇل
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1047 قىتىم

1.ﻫەرقانچە ئازاپلىق ئىش بولسىمۇ،ئۇ ئۆمۈرۋايەت داۋاملاشمايدۇ!شۇڭا،ﻫەرگىز بىئارام بولماڭ.
2.ئىلگىرىكى ئازاپلىق كەچۈرمىشىڭىزنى،ئەينى چاغدا قانداق قىلىپ قايتىدىن قەد كۆتۈرگىنىڭىزنى ﻫەمدە كېيىنكى كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئويلاپ،بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.
3.ئۆزىڭىزگە «بۇ دېگەن كىشىلىك ﻫايات،كۆپچىللىكنىڭ ﻫەممىسى تىرىشىۋاتىدۇ»دېيىشىڭىز كېرەك.
4.كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭ.ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ،كۆڭلىڭىزدە ساقلىغانلىرىڭىزنى پۈتۈنلەي خاتىرلەش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەڭ.
5.بارلىق ئىشلارنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ تازا قانغۇچە ئۇخلاڭ.ئويغانغاندىن كېيىن كەيپىياتىڭىز چوقۇم ياخشىلىنىپ قالىدۇ.
6.بەزى يۇمۇرلۇق،ﻫەجۋى رەسىم توپلىمى،كىتابلار ياكى كومېدىيىلىك فىلىمدىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ،پۈتۈن زېﻬنىڭىز بىلەن كۆرۈپ چىقىڭ.كۈلكە بارلىق كۆڭۈلسىز ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
7.ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇڭ.بۇمۇ كەيپىياتىڭىزنىياخشىلاشتىكى بىر ياخشى ئۇسۇل.
8.چېنىقىش مەركىزى ياكى ﻫۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ كەسپى ئۇۋۇلاشتىن بەﻫرىمان بولۇپ،پۈتۈن بەدىنىڭىزنى تەلتۈكۈس بوشاشتۇرۇڭ.
9.بالكۇندىن پايدىلىنىپ باغۋەنچىلىك لەززىتىدىن بەﻫرىمان بولۇڭ.ﻫەر بىر تاشتەكتىكى گۈلگە نام بېرىڭ،ﻫەربىر تال يۇپۇرماقنى كۆڭۈل قۇيۇپ سۈرتۈڭ،پۈتۈن زېﻬنىڭىز بىلەن ئۆسۈملۈكلەردىن خەۋەر ئېلىڭ.
10.ئەتىۋارلىنىش ﻫېسياتىدىن بەﻫرىمان بولۇڭ،ئادەم چىرايلىق بولغانسېرى كەيپىياتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ياخشىلىنىدۇ.
11.سەﻫەر تۇرۇپ باغچا ياكى دەرەخزارلىقتىن ئىبارەت يېشىللىققا پۈركەنگەن جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلىڭ.
12.پۇتىڭىزنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ راﻫەتلىنىڭ.توڭغاقلار بۇ ئۇسۇلنى قوللانسا ئەڭ مۇۋاپىق.
13.ئەڭ راﻫەت قىياپەتتە تۇرۇپ،قۇرساق بىلەن نەپەسلىنىڭ،بۇرۇن بىلەن كۈچەپ نەپەس ئېلىپ،ئاندىن ئېغىز بىلەن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقىرىڭ،مۇشۇنداق تەكرار بىر نەچچە قېتىم نەپەسلەنگەندە،كەيپىياتمۇ تۇراقلىشىدۇ.
14.بەدەن چېنىقتۇرۇش ئسۋابى بىلەن بويۇن،غول،بەل ﻫەمدە پۈتۈن بەدەننى كۈچەپ ﻫەركەتلەندۈرۈڭ.
15.دوستىڭىز بىلەن مۇڭدۇشۇڭ.
16.مەقسەتسىز مېڭىڭ ياكى نىشان بەلگىلەشنىڭ زىيىنى يوق.
17.تەنﻬەركەت مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنى شۇنىڭغا سىڭدۈرۈڭ.
18.ناخشا ئېيتىڭ ياكى ناخشا ئاڭلاڭ.
19.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن ﻫېيىقماڭ،تا كەيپىياتىڭىز ياخشىلانغىچە يەڭ.ئۇرۇقلاۋاتقان بولسڭمۇ ﻫىچقىسى يوق،ئۆزىڭىزگە بىر كۈن رۇخسەت بېرىڭ.
20.كەيپىياتىڭىز ناچار ۋاختىدا ،ئىلگىرى سېتىۋالماقچى بولۇپ سېتىۋالالمىغان كىيىم ياكى سومكىنى سېتىۋېلىپ،ئۆزىڭىزگە:«داۋاملىق تىرىشقىن»دەپ تەسەللى سۈپىتىدە سوۋغا قىلىڭ.