guide
سۈرەت كۆرۈش ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
745 قىتىم
 

 
سىزنىڭ چىرايلىق چۈشكەن سۈرىتىڭىز بارمۇ؟ بالىلىق دەۋرىدە چۈشكەن سۈرىتىڭىزنى كۆرگىنىڭىزدە گۆدەك، سەبىي، كۈلكىلىك چىرايىڭىزنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈۋېتىشىڭىز مۇمكىن، توي قىلغاندا چۈشكەن سۈرىتىڭىزنى كۆرگىنىڭىزدە، قەلبىڭىز شادلىنىپ شۇ چاغلارنى ئەسلىشىڭىز مۇمكىن.
بۇنداق سۈرەتلەرنى ساقلىسىڭىز روﻫىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، چارچاشنى تۈگىتىش رولىنى ئوينايدۇ. تېببىي خادىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، سۈرەت پسىخولوگىيىلىك داۋالاش رولىنى ئوينايدىكەن. سۈرەت ئاغرىق كىشلەرنىڭ گۈزەل ئەسلىمىسى بولالايدۇ.ئۆزىنى ۋە تۇغقانلىرىنى قەدىرلەش ﻫېسسىياتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كەسىپ ياكى بىلىم جەﻫەتتە ئالغا ئىنتىلىشكە ئىلﻬام بېرىپ، ئىرادىدىن ئىبارەت ئالاﻫىدە ئىقتىدارنى كۈچەيتىدۇ.