قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 854 قىتىم

مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىش دېگەندە يەڭگىللىك، ، ئىرادىسىزلىك، شاختىن - شاخقا قونۇش، نېسىۋىسىگە شۈكۈر قىلماسلىق، پۇرسەتپەرەسلىك ۋە بىكار تەلەتلىك قىلىش، مىجەزى چۇس بولۇش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىش بىر خىل بىنورمال پىسخىك ﻫالەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاﻫىدىلىكلىرى بار.
1.كۆڭلى ئارامىدا بولماسلىق.
تېز ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەتتە، بەزىلەر نېمە قىلىشنى بىلەلمەي، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالماي، تەمتىرەپ، ئىستىقبالغا بولغان ئىشەنچىسى يوقىتىدۇ.
2.تاقەتسىزلىنىش.
ئىچى تىتىلداشتىن ئىبارەت بىر خىل روﻫىي كەيپىياتتا بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىدۇ. باشقىلار بىلەن بولغان بەسلىشىشتە، تېخىمۇ تەشۋىشلىنىش ۋە خاتىرجەمسىزلىنىش كەيپىياتىدا بولىدۇ.
3. قارىغۇلارچە تەۋەككۈل قىلىش.
تاقەتسىزلىنىش سەۋەبىدىن، كەيپىياتى ئىدراكنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، قارىغۇلارچە ﻫەرىكەت قىلىپ قالىدۇ. ﻫەرىكەتتىن بۇرۇنقى ئويلىنىشى كەمچىل بولغاچقا، پۇل تاپقىلى بولىدىغانلار بولسا، قانۇن -تۈزۈمگە خىلاپ ئىش بولسىمۇ قىلىۋېرىدۇ. بۇ خىل بىنورمال پىسخىك ﻫالەت نۆۋەتتە جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.