ياشانغانلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەيدىغان بەش خىل ئۇسۇل
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1264 قىتىم

ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار ﻫەر خىل زىددىيەت ، توقۇنۇشلارغا يولۇقۇپ ، كەيپىياتى ناچارلىشىپ قالغاندا ، ئامال بار كەيپىياتىنى تېزرەك تەڭشەپ ياكى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئىچىنى بوشىتىۋېلىپ روﻫىي ﻫالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك . مەسىلەن ، كوتۇلداش ، پاراڭلىشىش ، يىغلاش، باشقىلارغا دەردىنى تۆكۈش ، سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلسا بولىدۇ. توپ ئويناش ، تاغقا چىقىش دېگەندەك ﻫەرىكەت مىقدارى بىر قەدەر زور پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ، روﻫى بېسىمىنى تۈگىتىپ ، پىسخىكىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ . بىراق ، بەدەن ئەﻫۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان «ئىچىنى بوشىتىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.
دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى
ياشانغانلار روﻫىي بېسىمغا ئۇچراپ ، ئىچى سىقىلغان چاغدا، مۇﻫتىنى ئالماشتۇرۇش، نىشاننى بۇراش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دىققىتىنى ئۆزىگە خۇشال-خۇراملىق ئاتا قىلىدىغان مۇزىكا ئاڭلاش، كومىدىيلىك تېلۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈش، تەنتەربىيە ﻫەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش، ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خۇش قىلىش ، تەبىئەتنىىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بەﻫرىلىنىش ، قىزىققارلىقپائالىيەتلەرگە قاتنىشىش دېگەندەك ئىشلارغا بۇراپ ، ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىشى كېرەك.
ئۆزىگە ئۆزى تەسەللىي بېرىش ئۇسۇلى
ياشانغانلار كۆڭلىگە ياقمىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ ، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقى ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتەلمىگەندە ، ئۆزىگە ئۆزى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەسەللىي بېرىپ ئۆزىدىكى تەشۋىشلىنىش ، قايغۇرۇش ، ئازابلىنىش ، ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتەك ناچار كەيپىياتنىتۈگىتىش كېرەك.
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى
سۆز ئارقىلىق بېشارەت بېرىش ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ﻫەتتا ئىش -ﻫەرىكىتىگە نىسبەتەن ئاجايىپ رول ئوينايدۇ.ئۆزىدىن بېشارەت بېرىش ئۇسۇلى سۆز ۋە ئوينىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ياكى مۇددىئانى كرسىتىپ بېرىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىدۇ.مەسىلەن ، كەيپىياتى جىددىيلەشكەن ،كۆپ چۈش كۆرۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىغان چاغلاردا ، ئۆزىنىتىنىچلاندۇرىدىغان ، ئەركىن-ئازادىلىك ﻫېس قىلدۇرىدىغان ، ئۇيغۇسىنى كەلتۈرىدىغان گەپ-سۆزلەر بىلەن ئۆزىگە تەسەللىي بەرسە بولىدۇ. يەنى «ئېغىر-بېسىق ، تەمكىن بول» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق جىددىيلىكنى تۈگىتىپ ، ئۇيغۇنى ياخشىلىسا بولىدۇ.
كۈلكە -چاقچاق ئىچىدە ياشاش ئۇسۇلى
ياشانغانلار يۇمۇرلۇق ، كۈلكە-چاقچاق ئۈزۈلمەيدىغان مۇﻫىتتا تۇرمۇش كەچۈرسە سالامەتلىككە پايدىلىق . كۈلكە كەيپىياتنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپلا قالماي ، ئورگانىزىملاردىكى ﻫەر قايسى سېستىمىلارنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەڭشەش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىغا ئىگە ، ئادەملەرگە ۋە ئىشلارغا يۇمۇرلۇق نەزەردە قاراشقا ماﻫىر بولغاندا ، بىر قىسىم زىددىيەت ۋە تالاش-تارتىشلارنى ئاسانلا ﻫەل قىلىپ ، كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يەتكىلى ، ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ، ياشانغانلارنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە پايدىلىق