guide
تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن رەڭگىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى :
05-12
كۆرۈلۈشى:
2119 قىتىم
 ﻫازىر بازارلاردا شاكىلى سېرىق تۇخۇم بىلەن شاكىلى ئاق تۇخۇم تەڭلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئاق تۇخۇم يەرلىك ﻫەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قاراپ، ئاق تۇخۇمنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەر كۆپ. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئەسلىدە تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى مېكىياننىڭ كۆپىيىش يولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچى، يەنى بالىياتقۇدىن ئاجرىلىپ چىقىرىلغان پىگمېنت (رەڭ ماددىسى) نىڭ رەڭگى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.   كونكرېت ئېيتقاندا، قانداق پىگمېنتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئالدى بىلەن مېكىياننىڭ گېن تىپى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن مېكىياننىڭ يېمەك - ئىچمىكى ۋە سالامەتلىكى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. تۇخۇم شاكىلى تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە ئېقىدىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، تۇخۇم شاكىلىنىڭ رەڭگى بىلەن تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. ئادەتتە، شاكىلى سېرىق تۇخۇم بىلەن شاكىلى ئاق تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.