guide
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئون قەدەم
يوللانغان ۋاقتى :
05-12
كۆرۈلۈشى:
1900 قىتىم
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنى ئۆزگەرتىشتىن باشلىنىدۇ. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋېيجى قامۇسى» خۇلاسىلەپ چىققان «ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشتىكى ئەڭ يېڭى ئون قەدەم»: 
  بىرىنچى قەدەم: راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردىن يىراق تۇرۇش. تاماكا تەركىبىدە كۆپ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولغانلىقتىن، تاماكا چەككۈچىلەر ئامال بار بالدۇرراق تاماكا تاشلىشى لازىم. تېرە راكىنىڭ قۇياشتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچرىشىش مۇناسىۋىتى بار، شۇڭا سىرتلارغا چىققاندا، ئەڭ ياخشىسى ئاپتاپقا چىداملىق كوئېففىتسېنتى 15 بولغان ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش مېيىنى سۈرتۈۋېلىش لازىم. 
  ئىككىنچى قەدەم: چىشنى تازىلاش ئۇسۇلى توغرا بولۇش. ئېغىزدىكى بەزى باكتېرىيەلەر ئاسانلا قان - تومۇرلارنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئىششىشىنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ﻫەر كۈنى چىش چوتكىلاش، تاماقتىن كېيىن ئېغىزنى چايقاش، يەنە چىش يىپى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم. 
  ئۈچىنچى قەدەم: زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىش. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قىلغاندا، بوغماق ئۈچەي راكى بىلەن بوۋاسىر كېسىلىنىڭ خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. 
  تۆتىنچى قەدەم: ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان رېئاكتىپلارنى تولۇقلاش. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان رېئاكتىپلار راك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان رېئاكتىپلارنى تولۇقلاشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى: ①چاينى كۆپ ئىچىش(ﻫەر كۈنى بەش ئىستاكان كۆك چاي ياكى قىزىل چاي ئىچىش)؛ ② ﻫەر كۈنى بىر پارچە قارا شاكىلات يېيىش؛ ③ﻫەر كۈنى بىر رۇمكا قىزىل ئۈزۈم ﻫارىقى ئىچىش؛ ④ﻫەر كۈنى بەش ئۈلۈش يېڭى مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىش. 
  بەشىنچى قەدەم: تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش −− تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇﻫىم ﻫالقا. مەسىلەن: يولدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئوڭ - سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىللارغا قاراش، قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتمەسلىك، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، ئاپتوموبىل ﻫەيدىگۈچىلەر ۋە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇچىلار چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش، ﻫاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ﻫەيدىمەسلىك، خەتېرى يۇقىرى خىزمەتلەردە، چوقۇم بىخەتەرلىك مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قەرەللىك ﻫالدا بەدەن تەكشۈرتۈش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش. 
  ئالتىنچى قەدەم: دائىم پىيادە مېڭىش. كۆپلىگەن تەتقىقاتلاردىن ﻫەركۈنى ئىككى ئىنگلىز مېلى (ئۈچ كىلومېتىردىن ئارتۇق) پىيادە يول يۈرگەندە، ئۆلۈم خەۋپىنىڭ يېرىمىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. ﻫەر كۈنى يېرىم سائەت پىيادە سەيلە قىلىش بىلەن يۇقىرى سىجىللىقتىكى ﻫەرىكەتنى قىلىش ئوخشاشلا يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەن.
  يەتتىنچى قەدەم: كۆپ تەربىيە ئېلىش. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ياخشى تەربىيە ئالغان كىشىلەر ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن. سەۋەبى، ئادەمنىڭ ئالغان تەربىيەسى قانچە كۆپ بولسا، ساغلام يېمەك - ئىچمەك بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا شۇنچە ئەﻫمىيەت بېرىدىكەن ﻫەم تاماكا چېكىش ئېﻬتىماللىقىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.
  سەككىزىنچى قەدەم: ﻫازىرقى تۇرمۇشتىن مىننەتدار بولۇش. ئادەمدە دائىم باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇش ﻫېسسىياتى بولغاندا، بېسىم يېنىكلەيدۇ، كەيپىيات ناﻫايىتى ياخشى بولىدۇ. 
  توققۇزىنچى قەدەم: ئۇيقۇ ئازمۇ، كۆپمۇ بولماسلىق. ئۇيقۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىدىكى مۇﻫىم ﻫالقا. ۋاقتىدا ئۇخلاپ، ۋاقتىدا ئورۇنىدىن تۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، يەنى ﻫەر كۈنى كەچتە يەتتە - سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇﻫىم، بەك كۆپ ئۇخلاش ياكى بەك ئاز ئۇخلاش ئوخشاشلا جىسمانىي ۋە روﻫىي جەﻫەتتىكى سالامەتلىككە زىيانلىق. 
  ئونىنچى قەدەم: مېڭە (كاللا) ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش. تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، دائىم كىتاب ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىش قىلىدىغان، كاللا ئىشلىتىدىغان كىشىلەر بىلىشى (ئەقلىي ئىقتىدارى) توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە ناﻫايىتى ئاز گىرىپتار بولىدىكەن. خەت كىرىشتۈرۈش، تاق سانلارنى ساناش، كاللىنى جىددىي ﻫەم ئۆزگىرىشچان ئىشلىتىش قاتارلىق ئەقىلنى ئىشقا سالىدىغان ئويۇنلارنى ئويناشمۇ چوڭ مېڭىگە پايدىلىق بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. 
  ئابلەت ئابلىز تەرجىمىسى