قېرىشقا ئائىت ئون خاتا قاراش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 05-12
- كۆرۈلۈشى:
- 2044 قىتىم
جەمئىيەتتە قېرىشنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن ئىشەنچسىز قاراشلار ئېقىپ يۈرمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئون خاتا قاراش كىشىنى ئاسانلا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ.
1. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئورۇقلاش قىيىنلىشىدۇ
بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. لېكىن بۇ سەۋەبلىك ئورۇقلاش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىڭىز مايسىزراق ياكى تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك بولمىسا ئورۇقلاشتا تەبىئىي ﻫالدا قىيىنچىلىققا ئۇچرايسىز. تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى ئورۇقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ياشانغانلار ئىستېمال قىلىدىغان بىر قىسىم رېتسېپ دورىلىرى كۆپىنچە ﻫاللاردا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
2. چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەﻫسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەﻫسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، مەسىلەن: چاچ يىلىمى(摩丝)، چاچ مېيى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىشلىتىش، چاچنىڭ چۈرۈكلىشىشىنى ۋە چاچنىڭ مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن ﻫەرگىزمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. چاچنىڭ ئۆسۈشى چاچ خالتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەﻫسۇلاتلىرى باش تېرىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن ساغلام چاچقا ئىگە بولۇش ۋە كۆڭۈلدىكىدەك چاچ پاسونىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەﻫسۇلاتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن مىقداردا ئىشلەتكەن ياخشى.
3. چاچ چۈشۈش بىلەن ئانا گېنى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چاچ چۈشۈشىنى گېن بەلگىلەيدۇ. لېكىن چاچ چۈشۈش بىلەن ئانا گېنى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار دېيىش خاتا. گەرچە تاقىرباش بولۇپ قېلىش خەۋپى بىلەن ئىرسىيەت مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ﻫەقىقىي سەۋەبنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، يەنىلا ئاتا - ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە تارىخىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ئانىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
4. 50 ياشتىن ئاشقانلار ئەڭ ياخشىسى تۆۋەن كۈچىنىشلىك چېنىقىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك
ﻫەر قانداق شەكىلدىكى ﻫەرىكەت بەدەن ساغلاملىقىغا ئوخشاشلا پايدىلىق. بۇ ﻫۇرۇنلۇق بىلەن تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغاندىن يۈز ﻫەسسە ياخشى. نۇرغۇن كىشى 50 ياشتىن ئاشقانلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى كۈچىنىشلىك چېنىقىش بەدەنگە زىيانلىق دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدەن چېنىقتۇرماسلىق ساغلاملىقنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى بەدەن چېنىقتۇرغاندا يۈرەك قان - تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن: قەنت كېسىلى قاتارلىقلار. يەنە ئورۇقلاشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
5. قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ
ئامېرىكىدا ﻫەر يىلى بازاردىكى ساغلاملىق قۇۋۋەت دورىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ، قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ساغلاملىق بۇلىقى» ئوبرازى يارىتىلىدۇ. لېكىن تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ﻫەر قانداق قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ دېيىلگەن قۇۋۋەت دورىسىدا قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار ناﻫايىتى كەمچىل ئىكەن. ۋىتامىن، ئېنزىم ۋە باشقا قۇۋۋەت دورىلىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش بىلەن ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارىسىدا ﻫېچقانداق باغلىنىش يوق. بۇ خىل دورىلارنىڭ تەسىرى گۇماننى قوزغىغاندىن سىرت، كۆپ خىل قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنى قەرەللىك ئىستېمال قىلىشنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ. بەدەن ئېﻬتىياجلىق ﻫەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىڭىز، ﻫەرگىزمۇ قۇۋۋەت دورىلىرىغا تايىنىۋالماسلىقىڭىز لازىم.
6. مۇسكۇل زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ
كىشىلەر ئادەم 40 ياشقا بارغاندا مۇسكۇل زەخىملىنىش تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەﻫۋال، دەپ قارايدۇ. كانادا تەتقىقاتچىلىرى 53 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن ئوخشاش ياشتىكى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن كېيىن پەيدا بولغان مۇسكۇل خوراش ئۇزاق ئولتۇرۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، ﻫەرگىزمۇ قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمايدىكەن.
7. قىشتا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەﻫسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ﻫاجەتسىز
بۇلۇتلۇق كۈنلەردىمۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى يەنىلا يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ ۋە تېرىمىزدىن ئۆتەلەيدۇ، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياز پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا، باشقا پەسىللەردىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىشىلەر كۈندە SPF30 ئاپتاپتىن ساقلاش مەلﻬىمىنى ئىشلىتىشى لازىم، بۇ يامغۇرلۇق ۋە ﻫاۋا تۇتۇق كۈنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8. تېرىسى ئاق كىشىلەرنىڭ قېرىشى تېز بولىدۇ
بۈگۈنگە قەدەر دوختۇر ۋە ئالىملار تېرىسى ئاق كىشىلەرنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېرىسى نىسبەتەن قارا كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى ﻫەققىدە ﻫېچقانداق ئىسپاتنى بايقىغىنى يوق.
تېرە قانچىكى قارا بولسا بەدەندىكى قارا پىگمېنتنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. تېرىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ئاپتاپتا كۆيۈش خەۋپىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. نىسبەتەن ئاق تېرە دائىم دېگۈدەك قۇرغاق كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىنچىكە قورۇق ۋە قورۇقلار پەيدا بولۇش ئېﻬتىماللىقى ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز ناﻫايىتى تاتىراڭغۇ بولسا سۇ تولۇقلاپ بېرىشىڭىز ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلﻬىمى ئىشلىتىشىڭىز لازىم. سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش باش كىيىمى كېيىشىڭىز لازىم.
9. سۇ تولۇقلاش مەﻫسۇلاتى ئەكسىچە تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتە ﻫېچقانداق تېرە ئاسراش مەﻫسۇلاتى تېرىمىزنىڭ «ۋاقىت ساياﻫىتى»دىكى ياش ﻫالىتىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئۆتېيەلمەيدىكەن. ناﻫايىتى قالتىس سۇ تولۇقلاش مەﻫسۇلاتى ۋە قان پىلازمىسى بولغان تەقدىردىمۇ پەقەتلا ﻫۈجەيرىلەرنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىلا ئوينايدىكەن. سىرتقى تېرە قىسمىنى قارىماققا پاكىز ۋە نەم كۆرسىتىپ، سۇ تولۇقلايدىكەن. قۇرغاقلىشىشنى تۆۋەنلىتىدىكەن، يۈز قىسمىدىكى ئىنچىكە قورۇقلارنى ئازايتىش بىلەن بىللە، كۆز ئەتراپىدىكى ئىنچىكە قورۇقلارنى سۇسلاشتۇرىدىكەن.
10. ئىرسىيەت قېرىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ
قېرىش مەسىلىسىگە ئائىت ئەڭ چوڭ خاتالىق «ئىرسىيەت ناﻫايىتى يۇقىرى دەرىجىدە قېرىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن قاراش. گەرچە ئاتا - ئانىدىن كەلگەن ئىرسىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بەدەندىكى توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن قېرىش جەريانىدا سىرتقى ئامىل ناﻫايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۆز بەدىنىمىزنى تىرىشىپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، قارىماققا تېخىمۇ ياش كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. قېرىش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇﻫىت ئامىللىرىنىڭ بەدەننى زەخىملەندۈرۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىۋاسىتە قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازايتىشىمىز، مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ساقلىشىمىز، چېنىقىشنى كۈچەيتىشىمىز، بۇلغانما ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىشىمىز لازىم.
ئامانگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى