زىيانلىق تۆت خىل يېمەكلىك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 05-12
- كۆرۈلۈشى:
- 989 قىتىم
1. بەرەڭگى ياپراقچىسى. بەرەڭگى ياپراقچىسىدا كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا −− ئاكرىلامىد بولىدۇ. ئاكرىلامىد خام ئەشياسىدا كۆپ مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان ۋە قىزدۇرۇلۇش تېمپېراتۇرىسى ℃120تىن ئېشىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەردە بولىدۇ. بەرەڭگى ياپراقچىسى بۇ شەرتكە تولۇق چۈشىدۇ. ياپونىيە يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە سۇ مەﻫسۇلاتلىرى ۋازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بەرەڭگى ياپراقچىسىدا ئاكرىلامىدنىڭ مول ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
2. مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسى. مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسىمۇ ئاكرىلامىد مول بولغان يېمەكلىك ﻫېسابلىنىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسىدىكى ئاكرىلامىدنىڭ ئەڭ يۇقىرى قويۇقلۇقى بەرەڭگى ياپراقچىسىنىڭ 1.5 ﻫەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. مەيلى ئۆزى پىشۇرغانلىرى بولسۇن ياكى ئاشخانىلاردىن سېتىۋالغانلىرى بولسۇن ﻫەممىسىلا ئوخشاش بولىدىكەن.
3. تورت. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇغداي ئۇنىنى خام ئەشيا قىلىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇﻫىتتا پىشۇرۇلغان تورتلاردىكى ئاكرىلامىدنىڭ قويۇقلۇقى بەرەڭگى ياپراقچىسى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن، ئەمما تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇﻫىتتا پىشۇرۇلغان تورتلاردا بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت بولمايدىكەن.
4. تېز ئېرىيدىغان قەﻫۋە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە قەﻫۋە پۇرچىقى، قورۇلغان چاي ۋە قۇرۇق قورۇلغان بۇغدايلاردىكى ئاكرىلامىدنىڭ قويۇقلۇقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئاكرىلامىد راك پەيدا قىلىپلا قالماستىن، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا تۈرلۈك قورۇما، پېچىنە - پىرەنىك ۋە كاۋاپ قاتارلىقلاردىمۇ ئاكرىلامىد بولىدىكەن. ئەمما قىزدۇرۇلمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ﻫوردا ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردە ئاكرىلامىد بولمايدىكەن.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى