ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 03-10
- كۆرۈلۈشى:
- 1648 قىتىم

ئورۇقلاش بەدەندىكى ماينى ئازايتىشتۇر، ماينى ئازايتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتۇر. چۈنكى، ئىنچىكە ئۈچەي تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن باشلاپ سۈمۈرۈشكە باشلايدۇ. ﻫالبۇكى، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش ۋاقتى تەخمىنەن ئىنچىكە ئۈچەي سۈمۈرۈشنى باشلىغاندىن كېيىنكى 30 مىنۇتتىن باشلىنىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەننى مەقسەتلىك ﻫالدا ﻫەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن:
1. ﻫويلا-ئارام ياكى بالىكوننى رەتلەش.
ئەگەر ﻫويلا-ئارىمىڭىز بولسا، تاماقتىن كېيىن ئۇنى رەتلەش ناﻫايىتى ياخشى تاللاشتۇر. ئەگەر ﻫويلا-ئارىمىڭىز بولمىسا، بىر گۈللۈك بالكون ياساپ، ئۇنى رەتلەستىكى قۇلايلىقتىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى ماينى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيسىز.
2. ئۆي سۈپۈرۈش.
ئۆي سۈپۈرۈش بولسا بىر تۈرلۈك ئىنتايىن يەڭگىلى جىسمانىي ئەمگەك. شۇڭا، ئورۇقلاش نىيىتىڭىز بولسا، تاماقتىن كېيىن ئۆي سۈپۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
3. يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن مۇنچىنى تازىلاش.
كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن 30 مىنۇت ئارام ئېلىۋىلىپ، ئوبدان بىر يۇيۇنۇڭ، ئەگەر بۇنىڭغا مۇنچا تازىلاشنى قوشسىڭىز، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
4. يېمەك-ئىچمىكىڭىزنى ياخشىلاشنى ئاددىيدىن باشلاڭ. قەنتلىك ئىچىملىكنى ئاز ئىچىڭ. قەنتلىك ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ ئارتۇق. 300 مىللىلىتىرلىق ئىچىملىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى 150 كالورىيە بولۇپ، يېرىم قاچا تاماقنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.