guide
ﻫامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
02-12
كۆرۈلۈشى:
2078 قىتىم


گېرمانىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئانىنىڭ ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەدەن ئېغىرلىقىغا مۇﻫىم تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ 26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 640 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك 66 تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر بالا تۇغۇلغان چاغدا بەدەن ئېغىرلىقى تۆت كىلوگىرامدىن ئارتۇق بولسا، كەلگۈسىدە سەمىرىپ كېتىشنىڭ خەۋپى نورمال تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىككى ﻫەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ﻫامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ ئىكەن. ﻫامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سېمىزلىك، يەپ-ئىچىپ تويماسلىق ۋە ﻫەرىكەتنىڭ ئاز بولۇشى ﻫەم ئۇلاردىن پەيدا بولغان ماددا ئالماشتۇرۇش قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار بالىنىڭ كېيىن سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.