سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 02-12
- كۆرۈلۈشى:
- 923 قىتىم

«ﻫىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خەلقئارالىق ئىلمىي مۇﻫاكىمە يىغىندا، ﻫەيز توختىغان ئاياللار سەمىرىپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ بارىدۇ، دېيىلگەن.
ئامېرىكا راك كېسەللىكى جەمئىيىتى تەتقىقاتخانىسى 38 مىڭ 152 ئايالنىڭ ماتېرىيالىنى توپلاپ، 1992-يىلدىن 2007-يىلىغىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 560 ئايالنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوتتۇرا ياش ئاياللار سەمرىپ كەتسە ياكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلىغاندىن كېيىن يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالسا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئېشىپ كېتىدىكەن.