ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرى ﻫەققىدىكى خاتا قاراشلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-05
- كۆرۈلۈشى:
- 1843 قىتىم
ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرى ﻫەققىدىكى خاتا قاراشلار
بىلگەجان تەرجىمىسى

http://www.cancer.org/treatment/treatmentsandsideeffects/complementaryandalternativemedicine/dietarysupplements/dietary-supplements-misconceptions
1. كۆپ مېقداردا ئىستىمال قىلىش: «قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى» ئەپسانىسى
نۇرغۇن كىشىلەر ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرىنى دوختۇرنىڭ رىتسىپى بولمىسىمۇ سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل مەﻫسۇلاتلارنى كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلسىمۇ بىخەتەر دەپ قارايدۇ. 1990-يىللاردا ئامېرىكىدا ۋىتامىن C، بىتا كاروتىن ۋە ۋىتامىن E قاتارلىقلارنى مىگامىقداردا (ناﻫايىتى زور مىقداردا) ئىستىمال قىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. گەرچە ﻫېچقانداق تەتقىقات نەتىجىسى ۋىتامىن C نىڭ زۇكامنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى داۋالاش ئۈنۈمى بارلىقىنى كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، تا ﻫازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ﻫازىرمۇ بەزى ساغلاملىق يېمەكلىرىنى زور مىقداردا ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنغان تەشۋىقاتلارنى كۆرىمىز، ئەمما بۇ خىل يەكۈنلەرنىڭ ﻫېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق.
ئەمەلىيەتتە زور مىقداردا ۋىتامىنلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ خەتەرلىك، ﻫەتتا زەﻫەرلىك ئىكەنلىكى مەلۇم. ﻫەدىدىن زىيادە كۆپ ۋىتامىن C بەدەننىڭ مىس سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. كۆپ مىقداردىكى فوسفور بەدەننى كالتىسىي سۈمۈرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. ئادەم بەدىنى زور مىقداردىكى ۋىتامىن A, D, K لەرنى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ، كۆپلەپ يىغىلىپ قالسا زەﻫەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. «تەبئىي بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ» ۋە «تەبئىي بولسا تېخىمۇ ياخشىراق» ئەپسانىسى
ﻫازىرقى دۇنيادا كىشىلەر ئاساسەن سۈنئىي ياسالغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نەرسىلەرنىڭ ئەسلى، تەبئىي ﻫالىتىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى قوللىمايدۇ. ئەمما «پۈتۈنلەي تەبئىي» دەپ ئاتالغان مەﻫسۇلاتلارنىڭ دائىم پىششىقلاشتىن ئۆتكەن ياكى سۈنئىي سېنتىزلەنگەن ماددىدىن ياخشى بولۇسىمۇ ناتايىن.
شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادىكى ئەڭ ئۆتكۈز زەﻫەرلىك ماددىلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەبئىي ماددىلاردۇر. مەسىلەن، زەﻫەرلىك موگۇ پۈتۈنلەي تەبئىي، ئەمما ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بىخەتەر بولمايلا قالماستىن بەلكى ئۆتكۈز زەﻫەرلىك. نۇرغۇنلىغان تەبئىي ئۆسۈملۈكلەر ياكى ماددىلارمۇ زىيانلىق ياكى زەﻫەرلىك خېمىيىلىك تەركىبلەر بولۇشى مۇمكىن ۋە ئىنسان ﻫەزىم قىلسا خەتەرلىك ئەﻫۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نۇرغۇنلىغان بوتانىكىلىق تولۇقلىمىلار (مەسىلەن، سامساق، زەنجىۋىل ۋە باشقىلار) ئۆسۈملۈكتىن كەلگەن بولغاچقا، تەبئىي مەﻫسۇلات دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئۆسۈملۈكلەر خېمىيىلىك تەركىبلەردىن تۈزۈلگەن. بۇ خېمىيىلىك ماددىلار ئىچىدە بەزىلىرى پايدىلىق بولسا يەنە بەزىلىرى زىيانلىق ۋە ئىنسانلاردا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. شۇڭا ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەنگەن ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ ﻫەر ۋاقىت پايدىلىق بولۇشى ناتايىن چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى زىيانلىق خېمىيىلىك تەركىبلەر چىقىرىپ تاشلانمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان مەﻫسۇلاتلار ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى، گۈلى، يوپۇرمىقى، چىڭى ياكى شەربىتى قاتارلىقلارنىڭ بىر نەچچە خىلى ياكى ﻫەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشى مۇمكىن. ئۆسۈملۈكنىڭ ئوخشىمىغان قىسىملىرىنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، مامكاپ يىلتىزى چوڭ ئۈچەي ﻫەرىكىتىنى ياخشىلايدۇ، ئەمما مامكاپ يوپۇرمىقى ئىچى سۈرگۈچى خېميىلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئۆسۈملۈكتىن ئايرىۋىلىنغان مەﻫسۇلاتلارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى زادى قايسى قىسمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە بەدەنگە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىڭ، بولمىسا مەﻫسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ مەﻫسۇلاتلارنى زادى قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ۋە تەسىرىنى ئېنىق سوراڭ.
شۇمۇ ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىخەتەرلىك بىلەن مىقدار ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك. كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ياكى يوپۇرمىقى ئاز مىقداردا چاي (چاي دورا) ئورنىدا بىخەتەر ئىستىمال قىلىشقا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما سۇيۇقلۇق ياكى تابلىت سۈپىتىدە سېتىلغان قويۇقلاشتۇرۇلغان ئاجراتمىلار بىخەتەر بولغان دائىرىدىن ﻫالقىپ كەتكەن مىقداردىكى ئۆسۈملۈك خېمىيىلىك تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
3. «مىڭ يىللاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كەلگەن، شۇڭا چوقۇم ئۈنۈمى بار» ئەپسانىسى
ئۆسۈملۈك دورىلارنىڭ ئاممىباپ ياكى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا مىڭ يىللار ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ بىلىپ قويۇش پايدىلىق، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ ئۈنۈمى بارلىقى ياكى بىخەتەر ئىكەنلىكىنىڭ ئىشەنچلىك ئىسپاتى بولالمايدۇ. ئەگەر ئاز مىقداردىكى ئۆسۈملۈك دورىسى دەرﻫال ئازاپلىق ياكى ﻫاياتقا تەﻫدىت ئىلىپ كىلىدىغان ئەكىس تەسىر پەيدا قىلغان بولسا، چوقۇم ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا ئىشلىتىلمىگەن بولاتتى. ئەمما ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىسىدا يۈز يىل ياكى مىڭ يىللار ئىلگىرى دورىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەكىس تەسىرىنى تەكشۈرىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار يوق ئىدى. شۇڭا، ئەگەر بىر ئۆسۈملۈك قىسقا مەزگىلدە ئۈنۈملۈكتەك قىلغان بىلەن، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنىڭ كىلىپ چىقىش ئېﻬتىمالىنى ئاشۇرۋەتسە (مەسىلەن، راك كېسىلى، يۈرەك ئاجىزلىقى ياكى بۆرەك زەئىبلىشىش) بۇنى ئەنئەنىۋى مىدىتسىنادا بايقىغىلى بولمايتتى. يەنە كىلىپ، ئەگەر بىمارنىڭ سالامەتلىكى شۇ ئۆسۈملۈك دورىسىنى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۆلۈپ كېتىشمۇ ناﻫايىتى ئومۇميۈزلۈك ئەﻫۋال ئىدى، ﻫازىرقىغا ئوخشىمايدىغىنى ﻫەر خىل ياشتىكى بىمارلار ﻫازىر پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ياكى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغان كېسەللەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. ئاخىرىدا بەزى ئەنئەنىۋى مېدىتسىنا سىستىمىلىرىدا، چاي دورىلار ئىچ سۈرگۈزۈش ياكى قۇستۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. بۇ خىل تەسىرلەر بۇنىڭ ئاخىرقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋىتى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى بار دەپ قارالغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاشنى ئويلاشقاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم چاي دورىلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە باشقا ئۇسۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى مېدىتسىنادا پەقەت كېسەللىك ئالامىتىنى ئازايتىش ياكى بىمارنى ياخشىراق ﻫېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ. بۇ خىلدىكى ئۇسۇللار ئەلۋەتتە ساقىيىپ كېتىش ئېﻬتىمالى بار بىمارلار ئۈچۈن پايدىلىق بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئاقىۋىىتنىڭ ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىمۇ مەلۇم ئىدى. ئىشەنچلىك ﻫالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، زامانىمىزدىكى ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىلار كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئەسىرلەر ئىلگىرىكى ﻫەرقانداق ئادەمدىن ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ناچار ساغلاملىق مەﻫسۇلاتلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك مەﻫسۇلاتلارنىڭ ﻫېچقايسىسىنى سېتىۋالماڭ:
1) دوختۇرنىڭ رىتسىپى بىلەن ئالىدىغان دورىلاردەك ئۈنۈمگە ئىگە دەپ دەرۋاڭ سالغان دورىلار
2) ئورۇقلاش، مۇسكۇل چىقىرىش ياكى جىنسىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان مەﻫسۇلاتلار
3) سىتىروئىدلىق ﻫورمۇنلارغا ئوخشاش تەسىرگە ئىگە ﻫورمۇنسىز مەﻫسۇلات دېيىلگەنلىرى
مەنبەسى: بىلگە بلوگى