guide
ۋېتامىن Eنىڭ يېڭىچە ئىشلىتىلىش رولى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
632 قىتىم

 
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى: ۋېتامىن E قىل قان تومۇر ۋە كىچىك قان تومۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، جاراﻫەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.
جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش: جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش جەريانى ماينىڭ ئوكسىدلىنىشىدىكى مۇﻫىم ﻫالقا، ۋېتامىن E بولسا بىر خىل دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ياخشى دورا. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە %43 كىشى ئىسپىرتسىز جىگەرنى ماي قاپلاپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ۋېتامىن Eنى ئىشلەتكەندە كېسەللىك ئەﻫۋالىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولىدىكەن.
ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك: جىمغورلۇق كېسىلى بولسا ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان دېۋەڭلىك كېسەللىكى بولۇپ، ئوكسىدلىنىش بېسىمى ۋە تېلمومىرنىڭ ئۇزۇنلۇق ئۆزگىرىشى ئۇنىڭدىكى مۇﻫىم ئالاﻫىدىلىك ﻫىسابلىنىدۇ. ۋېتامىن Eنى ئىشلىتىپ 6 ئايدىن كېيىن جىمغورلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلاردا ئوكسىدلىنىش بېسىمى يىنىكلەيدۇ، ئەڭ قىسقا تېلمومىرنىڭ ئوكسىدلىنىش بېسىمى تېخىمۇ سەزگۈرلىشىدۇ.
بوۋاسىر: جاﻫىل خارەكتىرلىك بوۋاسىردىن باشقا ﻫەر قانداق  ئادەتتىكى بوۋاسىرنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرماي داۋالىسا بولىدۇ. ۋېتامىن E ئارقىلىق بوۋاسىرنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى سىناپ باقساق بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ﻫەر قېتىمدا 50 مىللىگرامدىن ﻫەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئادەتتە مىقدارى ﻫەر كۈنى 100 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۈزۈلدۈرمەي 2-3 ئاي ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى بىر ئاي توختىتىش كېرەك.