guide
ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرى تەبىئي ئىسىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
522 قىتىم

 
ئەتىياز-ياز  پەسىللىرىدىكى قۇرغاق ﻫاۋانىڭ ﻫەزىم قىلىش سىستېمىسىغا بولغان ناچار تەسىرىنى مۇمكىن قەدەر ئازايتىش ئۈچۈن،تەبىئيىتى ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىپ، ئۆپكىگە نەملىك يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن: ﻫەسەل،كۈنجۈت، تۇرۇپ، نەشپۈت، مور قاتارلىقلىقلارنى نورمال مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.توسۇلۇش خارەكتىرلىك ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرىدا ئۇزۇن مۇدەت ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا،تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ۋېتامىن ﻫام مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار مول بولغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن: سۈت،تۇخۇم،توخۇم گۆشى،ئۆردەك گۆشى،باچكا گۆشى،بېلىق قاتارلىقلارنى دائىم نورمال مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندىن سىرىت، داۋاملىق بەدەن چىنىقتۇرۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغاندا، ئۆكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۇچەيتىپ،نەپەسلىنىشنى ياخشىلاپ،قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ بەدەن ئىقتىدارىغا ئاساسەن پىيادە مېڭىش،ئاستا يۈگىرەش، گىمناستىكا ئويناش قاتارلىق تەنﻬەركەت تۈرلىرىنى تاللاپ دائىم بەدەن چىنىقتۇرۇپ بەرگەندىلا،ئۆپكە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ﻫەم ئاستا خارەكتىرلىك ئۆپكە كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىپ ئەسلىگە كېلىشىدە ناﻫايتى مۇﻫىم رول ئوينايدۇ.