guide
نونى ۋە راك كېسىلى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
568 قىتىم
راك ئۆلۈش نىسبىتى ئەڭ يوقىرى كېسەللىك. 2005-يىلى دۇنيادا ئۆلۈپ كەتكەن 58 مىليون كىشى ئىچىدە راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر 7 مىليون 600 مىڭ . 2005- يىلى راك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ %70تىن كۆپرەكى تۆۋەن كىرىملىك ياكى ئوتتۇراﻫال كىرىملىك دۆلەتلەردە بولغان.
دۇنيا سەﻫىيە تەشكىلاتى ساغلام يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش، كۆپ چېنىقىش ۋە تاماكا تاشلاش ئارقىلىق %40 راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نونىنىڭ كۆپ تەركىبلىك ئىقتىدارى كاتالىزاتورغا ئوخشاش نورمالسىز ﻫۈجەيرىلەر (كېسەل بولغان ﻫۈجەيرىلەر) ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
نونىنىڭ تەركىبىدىكى ئېچىتقۇ ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا تەندىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، زىيانلىق ماددىلارنى سىقىپ چىقىرىدۇ. نونى تەركىبىدىكى damnacanthalنىڭ راكقا قارشى ئۈنۈمىنىڭ يوقىرىلىقى، نونى تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بىلەن ﻫەمكارلىشىش، ئەركىن رادىكال رىئاكسىيەسىنى يوقىتىشتەك قوش ئۈنۈمگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئەمما نونى ﻫەممە راك كېسەللىرىگە شىپا بولۇۋەرمەيدۇ. نونى پەقەت راك ئۆسمىسىنى كىچىكلىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
نونى مېۋىسىدىكى تېرپېنلار تەبىئىي ئېرىتمە بولۇپ، ئۇنىڭ خۇش پۇرىقى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى نورمال ﻫۈجەيرىلەرنىڭ قايتا ﻫاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. كىلىنىكىدا نونىنىڭ مۇسكۇللارنى بوشىتىش، ئاغرىقنى پەسەيتىش رولى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېچىتقۇ، مىنېرال ماددا، ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىنلارنىڭ بىرىكمە ئىقتىدارى ﻫەم زېرونىن ئاكتىپلاشتۇرۇش ﻫۈجەيرىلىرى خىمىيەلىك داۋالاشتا زەخىملەنگەن ﻫۈجەيرىلەرنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا خىمىيەلىك داۋالاش پەيدا قىلغان تۈرلۈك نورمالسىز ئەﻫۋاللارنى پەسەيتىدۇ.