ساغلاملىق ئۈچۈن ئاددىي رېستىپلار
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 634 قىتىم

1. ئاق تۇرۇپتىن 100 گرام، سىركىدىن 150 گرام، ئاق شېكەردىن 150 گرام ئېلىپ، پاكىز تازلاپ، تۇرۇپنى يالپاغلاپ توغراپ، ئىككى چوڭ چىنە قوي گۆشى شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرۇپ، ئاندىن ئۈستىگە سىركە ۋە شېكەرلەرنى سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ﻫەر قېتىمدا بىر پىيالە ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ.
2. تاتلىقياڭيۇدىن 150 گرام، تېرىقتىن 100 گرام، پالەكتىن 200 گرام، خام زەنجىۋىلدىن 30 گرام ئېلىپ تازلاپ، يالپاغلاپ توغراپ، سۇ بىلەن قاينىتىپ، تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ﻫەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىچىپ بېرىلسە، ئۇزاق داۋاملاشقان قەۋزىيەت، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك داۋا بولىدۇ.