ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 842 قىتىم

كۆز تالغاندا، قۇرغاقلىشىپ كەتكەندە، كىشلەرنىڭ ﻫەممىسى كۆز دورىسى سۇيۇقلىقىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەليەتتە ئەڭ ياخشى كۆز دورا سۇيۇقلىقى دەل كۆز يېشىدۇر.
كۆز يېشىنىڭ ئۈچ خىل ئىقتىدارى بار: بىرىنچىدىن يۇيۇش سۇيۇلدۇرۇش رولى بار، كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەندە كۆز يېشىنىڭ يۇيۇش ۋە سۇيۇلدۇرۇش رولى بولغانلىقتىن كىرىپ كەتكەن نەرسىنى چىقىرىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئىككىنچىدىن سىلىقلاش رولى بار، كۆز يېشى مۈڭگۈز پەردە تاشقى كۆرۈنۈشى 6-7سانتىمىتىر قېلىنلىقتا سۇيۇق نىپىز پەردە شەكللەندۈرۈدىغان بولۇپ، ئۇ كۆز ئالمىسى تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۈڭگۈز پەردە تاشقى كۆرۈنۈشىنى نۇرلۇق سىلىق قىلىپ، كۈرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئۈچىنچىدىن باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار، ياش تەركىبىدە كۆپ خىل ئالاﻫدە باكتىريە ئۆلتۈرگۈچى ماددىلار بار. ئەڭ ياخشى كۆز دورىسى ئىشلىتىشنى ئويلىسىڭىز، چۇقۇم بىر ﻫازا يىغلاڭ. كۆز قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا، كۆزنى كۆپ چىمىلدىتىشقا سەۋەپ بولۇپ، كۆز يېشى ئىچكى ئاجىرالمىلىرىنى ئاجىرتىپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، كۆز ئالمىسى تاشقى كۆرۈنۈشىنى غىدىقلايدۇ. ئۇنڭدىن باشقا يەنە، ئەسنەشمۇ خاتا بولمىغان بىر خىل كۆز يېشى چىقىرش ئۇسۇلى، ئولتۇرغان ۋاقىتتا، قولىمىزنى كۆتۈرۈپ ئارقا تەرەپكە سوزۇلۇپ، چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالساق، ئاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا نەپەس چىقارساق، ئەسنەشكە ياردىمى بولىدۇ. پەقەت كۆزى قۇرغاقلىشىپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلگەن كىشلەر كۆز دورىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.