guide
شېكەر سۈيى ئىچىپ بېرىش ئەتىيازدا چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
599 قىتىم
 
 
ئەتىياز پەسلىدە كىشىلەردە ئۇيقۇسى قانماي قاتتىق مۈگىدەش، روﻫسىزلىنىش ﻫالەتلىرى پەيدا بولىدۇ، بۇنى ئوزۇقلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ. چارچاش مۇزەككەرنىڭ يېتىشمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شېكەر سۈيى بىلەن تۇز سۈيىنى ئىچىش ئارقىلىق مۇزەككەرنى ئاسرىغىلى، كۈچ قۇۋۋەتنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ‹‹ئەتىيازدا چارچاش›› ئادەتتە، بەدەننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىش ياكى ۋىتامىنلارنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. بۇ بەدەندىكى كىسلاتالىقنى نېتىراللاشتۇرۇشقا، شۇنداقلا ۋىتامىنلارنىڭ سۈمۈرۈلىشگە ياردەم بېرىدۇ. ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلىش، شۇنداقلا بەك ياغلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، يەنە قۇرۇق ئىسسىق تاماقلارنى ئاز يېيىش كېرەك. قۇرۇق ئىسسىق ئەتىيازدا چارچاشنى پەيدا قىلىدۇ.