ئاق نېلۇپەر ئۇرۇقى ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 562 قىتىم

ئىچى سۈرۈپ قالغاندىن كېيىن نېلۇپەر ئۇرۇقى، تەسۋىقوناق ۋە گۈرۈچنى قاينىتىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ. نېلۇپەر ئۇرۇقى بىلەن تەسۋىقوناق ﻫەم يېمەكلىك ﻫەمدە جۇڭيى دورىسىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىچى سۈرۈپ قالغانلار كۆكتات يېگەندە كۆكتاتنىڭ يوپۇرمىقىنى يېيىشى، غولىنى يېمەسلىكى شۇنداقلا كۆكتاتنىڭ يوپۇرمىقىنى ئۇششاق توغراپ، ماينى ئاز قۇيۇپ قورۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىللە مېۋە-چىۋىلەرنىمۇ يېمەسلىكى كېرەك.