guide
تەنگە شىپا
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
574 قىتىم

 
1. ئوسما ئۇرۇقىدىن 25 گىرام، جىگدە گۈلىدىن 20 گىرام، ئاقباش ئوت ئۇرۇقىدىن 20 گىرام، ئەنجۈر قېقىدىن 25 گىرام ئېلىپ پاكىز تازىلاپ يۇمشاق سوقۇپ، جىگدە گۈلىدىن ياغ چىقىرىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ﻫەر قېتىمدا 25 گىرامدىن باشقا سۈرتۈپ بېرىلسە، چاچنى قارايتىش، ئۆستۈرۈش، باش قىچىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.
 
2. جىگدە گۈلىدىن 200 گىرام، ئاقلەيلى گۈلىدىن 200 گىرام، ﻫەمىشە باﻫار گۈلىدىن 150 گىرام، قىزىلگۈلىدىن 150 گىرام، سېرىق چېچەكگۈلىدىن 120 گىرام، رەيﻬان گۈلىدىن 120 گىرام، بەزورولەنجى گۈلىدىن 110 گىرام ئېلىپ پاكىز تازىلاپ سۇ بىلەن قاينىتىپ تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم ﻫەر قېتىمدا، 50 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بېرىلسە، قىزىتما قايتۇرۇش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئۈنۈملۈك مەنپەئەت قىلىدۇ.