guide
باﻫ ئاجىزلىق(جىنسىي ئاجىزلىق) نىڭ سەۋەبى توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى :
10-01
كۆرۈلۈشى:
2144 قىتىم
باﻫ ئاجىزلىقى (جىنسىي ئاجىزلىق ) نىڭ سەۋەبى نۇرغۇن بولۇپ، كېسەللىكنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ!
شۇ سەۋەپتىن داۋالاش جەريانىدا كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك ئىپادىلىرىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ! كەمىنە سىرداش تېۋىپ تۆۋەندە بۇلارنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.
 باﻫ ئاجىزلىقنىڭ مۇﻫىم ئىپادىسى:
    1. جىنسىي ئىنتىلىشنىڭ سۇس بولىشى
   2. ئەرلىك ئەزانىڭ قوزغىلىشنىڭ سۇسلىقى ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىشى

جىنسىي ئىنتىلىش سۇسلاشقاندا تۆۋەندىكىدەك بەدىنىنىڭ ئۇرۇق ئاجىز بولىشى ئۇزۇقلۇقنى ناچار بولىشى تۈپەيلىدىن جىنسىي ئىنتىلىش سۇس بولىشى مۇمكىن ! ( يەنى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى بەك كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن يىمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇش قاتارلىقلار.............)

ئېنىقكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەنگە ياخشى سۈمۈرۈلگەندە بەدەننى تۈرلۈك ﻫاجەتلىرىگە لايىق ﻫالەتتە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.
ناۋادا ئۇزۇن مۇددەت قۇۋۋەتسىز، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى يىگەندە بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئۇزۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش ئامبىرى بولغان جىگەرنىڭ  ياخشى قان خىلىتى ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى بۇزۇلۇپ خام خىلىت ئىشلەپچىقىرىدۇ! ﻫەتتا بەزى سوغۇق يەللىك يىمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ يىيىش سەۋەپلىك قان تومۇرلاردا سوغۇق يەل خارەكتىرلىك ماددىلار ﻫاسىل بولۇپ بەل پۇت قول ئاغرىش، پۇت قوللاردا ماغدۇرسىزلىق پەيدا بولىدۇ! شۇنىڭ بىلەن جىنسىي جەﻫەتتىن سۇسلۇق كېلىپ چىقىشقا شارائىت ﻫازىرلىنىدۇ.
يۇقارقى سەۋەپ تۈپەيلى مەنىي سۇيۇقلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىنسىي ﻫەۋەس سۇسلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي ﻫەۋەس سۇسلىغانلىق سەۋەپلىك ئەرلىك ئەزانىڭ قوزغىلىشنىڭ سۇسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇر تىبابىتىمىزدە داۋالاش ئېلىپ بارغاندا پەرﻫىز تۇتۇش ئۇسۇلى ئالاﻫىدە تەكىتلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى باﻫنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىڭ ياكى باشقا كېسەللىككە قارىتا دورا ئىشلىتىڭ جەزمەن پەرﻫىز تۇتۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلسىڭىز دورا ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرىراق بولىشىغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ.