guide
ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ تولماسلىقىنىڭ 5 خىل سەۋەبى
يوللانغان ۋاقتى :
01-27
كۆرۈلۈشى:
1785 قىتىم

1. ئاقسىلنىڭ سۈمۈرىلىشى ياخشى بولماسلىق
نۇرغۇن قىزلار ئۇرۇقلاش ئۇچۈن ماي،گۆش لەرنى ئىستىمال قىلمايدۇ ، بۇ خىل ئۇرۇقلاش ئۇسۇلى بەللىرىڭىزنى كىچىكلىتىپلا قالماي ،كۆكسىڭىزنىڭ كىچىكلەپ كىتىشىنىمۇ كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. قىزلار ئاقسىل مىقدارى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىماق قىلىشقا سەل قارىماسلىق كىرەك ، مەسلەن ،تۇخۇم،بېلىق،خۇاسىڭ،ياڭاق،پۇرچاق، بۇ يىمەكلىكلەرنى ياخشى ئىستىمال قىلغاندا،ئاندىن سىز ئۇيلىغاندەك گۈزەل بەدەن شەكلىگە ئېرىشەلەيسىز.
2.باغىرداقنى توغرا تاللىماسلىق.
نۇرغۇن قىزلارباغىرداق سېتىۋالغاندا سىناپ باقمايلا سېتىۋالىدۇ ، بەك كىچىك باغىرداقنى تاقىغاندا قىزلارنىڭ كۆكسىنىڭ يېتىلىشگە ياخشى بولمىغان تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت بەك چوڭنى تاقىغاندا كۆكسىنىڭ پەسىكە چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .
ياشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،توي قىلىشنىڭ ئالدى كەينى،ۋە ياكى تۇغۇتلۇق مەزگىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ،ئاياللارنىڭ كۆسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا توغرا بولغان باغىرداق سېتىۋېلىش ئىنتايىن مۇﻫىم.
3.تەنﻬەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندىكى زەخمىلىنىش.
نورمال بولغان تەنﻬەركەت بەدەن گۈزەللىكىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشى رول ئوينايدۇ،ئەمما تەنﻬەركەت چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ، ۋەياكى تەنﻬەركەت قىلغاندا باغىرداق تاقىمىغاندا، (بەزى ئاياللار تەنﻬەركەت قىلغاندا باغىرداق تاقاش بىر خىل ئاۋارچىلىق دەپ قارايدۇ) كۆكسىگە بەلگىلىك زەخمەت يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ يۇگۈزۈش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىق بىر قىسىم تەنﻬەركەت تۈرلىرىنى ئىشلىگەندە باغىرداق تاقىمىسا ، كۆكسىنىڭ پەسكە چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
4.قالايمىقان كۆكسىنى يوغانتىدىغان دورىلارنى ئىشلەتكەندە.
دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە، قىزلارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭپۇڭلىقى قالايمىقانلىشىپ،بەدەنگە ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئېغىر بولىدۇ.