جىسمانىي ﻫەركەت ۋە جىنسىي قابىلىيەت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-12
- كۆرۈلۈشى:
- 1973 قىتىم
بىر قىسىم كىشىلەر ئارتۇقچە جىسمانىي ﻫەركەت جىنسىي ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى ﻫەركەت قىلىپ چارچىغان مەزگىلدە ئادەمنىڭ جىنسىي ئېﻬتىياجى نىسىپىي تۆۋەنرەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېتەرلىك جىسمانىي ﻫەركەت قىلىش سالامەتلىك ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مۇﻫىم ﻫالقا بولۇپ، پەقەت يېتەرلىك جىسمانىي ﻫەركەت بولغاندىلا ئاندىن ساغلام بەدەندىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش جىنىسىي تۇرمۇش بىر خىل كەيپ بولۇپ ئۇ بەلگىلك جىسماني جەريان ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغان بولغاچقا، جىسمانىي قۇۋۋەت جىنسىي ئىقتىدارنىڭ جارى قىلدۇرىلىشىدا ﻫالقىلىق رول ئوينىمىسىمۇ، ئەمما باشقا شەرتلەر ئۆزگەرمىگەن ئەﻫۋال ئاستىدا جىسمانىي قۇۋۋىتى كۈچلۈكرەك ئادەملەرنىڭ جىنسىي ئىپادىسى نىسپىي ياخشىراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق جىسمانىي ﻫەركەت جىنسىي ئىقتىدار ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ.