guide
ئوزۇقلىنىش ۋە جىنسىي قابىلىيەت
يوللانغان ۋاقتى :
01-12
كۆرۈلۈشى:
2372 قىتىم
نۇرغۇن كىشىلەر قوينىڭ بۆرىكى قاتارلىق بەزى يىمەكلىكلەر جىنسىي قابىلىيەتنى كۈچەيتسە، ئاشكۆكى قاتارلىق بىر قىسىم يىمەكلىكلەر جىنسىي قابىلىيەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ﻫېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەلۋەتتە، ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال سالامەتلىك ئەﻫۋالى ياخشى بولغاندا جىنسىي ئىپادىسىمۇ مۇناسىپ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر، ۋېتامىنلىق يىمەكلىكلەر، تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش؛ ماي، تاتلىق- تۇرۇم ، ئۇن- گۈرۈچ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى نىسپىي ئازراق ئىستىمال قىلىش جىنسىي ئىپادىنىڭ ياخشىراق نامايەن قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى مۇمكىن. ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر سۈت، تۇخۇم، گۆش قاتارلىق ﻫايۋانات تېنىدىن كەلگەن يىمەكلىكلەردە مول بولىدۇ. ۋېتامىنلار ﻫەرخىل سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەر تەركىبىدە مول بولىدۇ. تالالىق يىمەكلىكلەر قوناق قاتارلىق قارا ئاشلىق تەركىبىدە كۆپرەك بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سەي-كۆكتاتلارنى ئامال بار خامراق يىيىش لازىم. ﻫەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ﻫەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك. يىمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ياخشىراق سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك.