guide
نىكاﻫ سىرتىدىكى ئولجا
يوللانغان ۋاقتى :
01-12
كۆرۈلۈشى:
1604 قىتىم
 ﻫەممىمىزگە مەلۇم، نىكاﻫ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىنى قائىدە-قېلىپقا سالغان، شۇنداقلا بۇ قائىدە-قېلىپ ئەر-ئاياللارنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى، مۇقىم بولمىغان قالايمىقان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ﻫەر خىل كىشىلەردىكى ﻫەر خىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئائىلىنىڭ رولى، ئەۋلات تەربىيەلەش ﻫەم جەمىيەتنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ناﻫايىتى مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ﻫەم دۇنيانىڭ ﻫەممە يېرىدە ئوخشىمىغان مىللەت، مەدەنىيەت، دۆلەتلەردە بولسۇن، ئوخشاشلا ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاﻫلىنىش ئەﻫۋالى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە  ئەر-ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نىكاﻫلىنىش قائىدە-مۇراسىمى ئومۇملاشقان.
  دىمەك، نىكاﻫلانغان ئەر-ئاياللار بىر جۈپ ﻫالەتتە ئۆز ئېﻬتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، جىنسىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ ﻫەم ئىگىسىز ئەۋلات قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. نىكاﻫ مۇشۇ جەﻫەتلەردىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشىغا ﻫەم قۇبۇل قىلىپ داۋاملاشتۇرىشىغا ئايلانغان. چۈنكى، نىكاﻫلىق تۇرمۇش پاﻫىشىۋازلىق بىلەن جالاپلىققا قارشى ﻫالەتتە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېرى ياكى خوتۇنى بىلەن ئوغۇرلىقچە بىللە بولۇپ، ئاشكارىلانغان ﻫەم تۇتۇلۇپ قالغانلار ﻫەمرايىنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشنى، ئەر-خوتۇنلۇقتىن ۋاز كېچىپ نىكاﻫتىن ئاجرىشىپ كىتىشنى، ﻫەتتا بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ ئەدىبىنى بىرىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
  شۇڭا، نىكاﻫ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىيەت جەﻫەتتە ئۆزئارا ئىگەللەش-ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تاللاش ﻫەم ئۆزئارا ﻫالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىللە تۇرمۇش كۆچۈرۈش  مۇﻫىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مۇﻫىم مەدەنىيىتىگە ئايلانغان. دېمەك، نىكاﻫنىڭ مۇشۇنداق مۇﻫىم سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن، ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاﻫلىنىشى ئۇزۇن زامانلارنىڭ بىرىسىدىن داۋاملىشىپ بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ﻫازىرمۇ ئەر-ئاياللار ئەنە شۇنداق سەۋەب-مەقسەت تۈپەيلىدىن نىكاﻫنى مۇﻫىم ئورۇنغا قۇيۇۋاتىدۇ. شۇڭا، جەمىيىتىمىزدىمۇ مەخسۇس نىكاﻫ قانۇنى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ بىر قىسىم ﻫوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قانۇنى ئاساسىغا ئايلاندى. ئەمما، دەۋرىمىزدە نىكاﻫ قانۇنى بۇيىچە نىكاﻫلىنىش كىنىشكىسى ئالغان، ئىمام نىكاﻫنىڭ مەنا-مەجبۇرىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ نىكاﻫ ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن، بىر قىسىم قىز-يىگىتلەر بىلەن  ئەر-ئاياللارنىڭ پەقەت نىكاﻫ ئىچىدىلا قىلىدىغان ئىشلىرى  نىكاﻫنىڭ ئالدىدا ﻫەم سىرتىدا يۈز بىرىشكە باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تارىختا تۇنۇپ يېتىلگەن نىكاﻫنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىپ، ئاقىۋەت نىكاﻫنىڭ ﻫۆرمىتىنى قىلماسلىقىنىڭ پاجىئەسى كىلىپ چىقتى. شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قاتتىق مەسخىرە قىلىدىغان ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ (ئەر بىلەن ئەرنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ) ئاتالمىش جىنسى مۇناسىۋىتىمۇ قاتتىق بولغان زورلۇق كۈچ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، پەقەت ئەر بىلەن ئايالغىلا ماس كىلىدىغان مۇقەددەس نىكاﻫمۇ ﻫاقارەتكە ئۇچرىدى. ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاﻫ ئىچىدىكى جىنسى مۇناسىۋىتى نىكاﻫ سىرتىغا ﻫالقىپ چىقىپلا قالماي، يەنە ئەر بىلەن ئەرنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ ئاتالمىش جىنسى مۇناسىۋىتىمۇ ئىنسانى ئەركىنلىك دەپ داۋراڭ سېلىندى.