guide
ئۇرۇقدانغا زىيانلىق ئامىللار
يوللانغان ۋاقتى :
01-12
كۆرۈلۈشى:
1826 قىتىم
1.سىرتتىن كەلگەن تاياق زەربىلىرى، ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇشلار ئېغىر بولغاندا ئۇرۇقداننى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسىنى ئېزىپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىكرەك بولغاندا ئۇرۇق بېزى ۋە نەيچىسىنى بېسىپ توسۇپ قويۇپ، ئۇرۇقداننىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ۋە توشۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي تەركىبىدىكى ئۇرۇقنى كىمەيتېۋىتىدۇ.
2. ۋېلسپىت مىنىش، ئات مىنىش، موتسىكىلىت مىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇرۇق بېزىنى بېسىپ قويۇپ، ئۇرۇق بېزىنىڭ نورمال ﻫەرىكەتلىنىشىگە ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تۇشۇش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، مەنىي كەملىك، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ﻫەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇرۇق بېزىغا سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىق مىزاجىنى بۇزۇپ، ئۇرۇق ئىشلەش پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
4. دائىم غەزەپلىنىش، روﻫىي چۇشكۈنلۈك، قالايمىقان بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش قاتارلىق ناچار روﻫىي كەيپىياتلار ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي قۇۋۋەتلەر بىلەن ئۇزۇقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ قويىدۇ.
5. شەﻫۋانىي فىلىمللەرنى كۆررۈش،جەلەق ( ئانانىزىم) ، جىمانىڭ كۆپ بولۇشى كۆپ ئىﻬتىلام بولۇش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار ئۇرۇقداننىڭ كۈچەپ ئىشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ، ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
6. سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئوزۇقلۇقلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يېتىشمەي مەنىي كەملىك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. ﻫەۋەسنى كۈچەيتكۈچى ۋە باﻫنى قۇۋەتلىگۈچى ﻫەرخىل خىمىيىلىك ۋە ﻫورمۇنلۇق دورىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ۋاقىتلىق ئۈنۈم بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقداننىڭ تەبىئىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ﻫورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاقىۋەتتە ئۇرۇقداننى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
8. نەشە، ئەپيۇن، تاماكا قاتارلىق زەﻫەرلىك چىكىملىكلەرنى كۆپ چەككەندە ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ناركوز قىلغۇچى تەركىبلەر ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بۇزۇپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9. كۆپلەپ ﻫاراق ئىچكەندە ﻫاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرىت ئۇرۇقلارنى ئۆلتۈرۈپ، مەنىي كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناچار جىنسىي قىلمىشلاردىن تارقىلىدىغانئەيدىز، سۆزنەك، سىفلىس قاتارلىق يۇكۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغاندا بۇ كېسەللىكلەرنىڭ جاراسىمى ئاسانلا سۈيدۈك يولى ۋە ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى ئارقىلىق ئۇرۇقدانغا يېتىپ كىلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇقۇملاندۇرۇپ، ئۇرۇقداننىڭ خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.