پۇراق ۋە جىنسىي تەلەپ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-12
- كۆرۈلۈشى:
- 2159 قىتىم
بەزى ئەتىرلەرنىڭ پۇرىقى ئاياللاردا كۈچلۈك جىنسىي ﻫەۋەس قوزغايدۇ. بۇ نىمە ئۈچۈن؟
بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە: تۆۋەن دەرىجىلىك ﻫايۋانلاردا، بەزى ئاجراتما بەزلىرى بەدەننىڭ ﻫەرقايسى ئورۇنلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار خۇش بۇي ﻫاۋا ياكى باشقىچە پۇراق تارقىتىش ئارقىلىق، باشقا جىنسنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ كېپىنەك، پەرۋانىگە ئوخشاش ﻫاشاراتلار خۇددى شۇنداق، ئەر-ئاياللارنىڭ بەدىنىدىمۇ جىنسىي ﻫەۋەسنى قوزغايدىغان تەبىئىي پۇراق بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پۇراش سېزىمى تۆۋەن بولىدۇ ۋە پۇراقنى پەرق ئېتەلمەيدۇ ﻫەم ﻫېچقانداق ئىنكاسمۇ بىلدۈرمەيدۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك پۇراقلىق، مەسىلەن، ئەتىر قاتارلىق پەرداز بۇيۇملىرىدىن باشقىلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ.
چۈنكى نۇرغۇن ئەتىرلەرنىڭ خام ماتېرىيال مەنبەسى ﻫايۋانلاردىن كېلىدۇ، بەزى بۇيۇملار ﻫايۋانلارنىڭ جىنسىي پۇراقلىق ئاجراتما بەزلىرىدىن ئېلىنىدۇ. بۇنى چۈشىنىش ئانچە تەس ئەمەس. نېمە ئۈچۈن پۇراق سېزىمى ئۆتكۈر كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق پۇراقلارنى پۇرىغان ﻫامان جىنسىي تەلىپى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
بۇ مەسىلىنى پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قاراپ، ﻫازىرغىچە تولۇق، ئىلمىي يوسۇندا تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈلگىنى يوق. ئېﻬتىمال بۇ، كۈچلۈك بۇراقنىڭ نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ، جىنسىي جەرياندا ئەكس ئەتكەنلىكتىن بولسا كېرەك. جىنسىي ئىقتىدار بىلەن بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا ﻫازىرمۇ بىلىدىغانلىرىمىز بەك ئاز، پۈتكۈل مەسىلە يەنىلا داۋاملىق چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
مەزكۇر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
تېببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا)
يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)