قىزلاردا ئادەت بالدۇر كەلسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 2053 قىتىم

ئەنگىلىيە كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالدۇر يېتىلىپ، ئادەت بالدۇر كەلگەن قىزلاردا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى بولۇش خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بالدۇر يېتىلگەن قىزلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا ماددا ئالمىشىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىككە دۇچار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ بالدۇر سەمىرىش، يۈرەك كېسلى ۋە باشقا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىمۇ مۇﻫىم ئامىل بولۇپ، ياغ توقۇلمىسى ﻫورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ياخشى بولغان ئوزۇقلۇق ئادىتى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ چېنىقىشىغا ئەﻫمىيەت بېرىشى كېرەك ئىكەن.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى