guide
جىنسىيەت، روﻫىي ساغلاملىق ۋە مەدەنىيەت‏
يوللانغان ۋاقتى :
04-01
كۆرۈلۈشى:
1917 قىتىم
 نۆۋەتتە دۇنيادا كېسەللكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ ئىنسانىيەتنىڭ ﻫاياتىغا قورقۇچلۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەيدىز كېسىلى بىر ‏نەچچە يىللار ئىلگىرى بىز ئاندا-ساندا گېزىت-ژۇرناللاردىن ئاڭلاپ قالىدىغان، خۇددىي قورقۇنچلۇق رىۋايەتتەك ئاڭلىغاندا كىشىنى‏قورقۇنچقا سالىدىغان، بىراق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرﻫاللا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان، بىزدىن ناﻫايىتى يىراق بىلىنىدىغان خەۋەرلەر ‏ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكە‏ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ‏ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ﻫەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقىلار ئېچىشقا تېگىشلىك غايەت زور بايلىق ئىكەن دەپ‏بايقاپ ئۇلارنى زور مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئېچىۋاتقاندا ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن زور ئامەت بىلىپ، ئىچكىرى ‏ئۆلكىلەرگە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار قورقۇنچلۇق داۋاسىز ۋابا كېسىلىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ قورقۇنچلۇق‏ۋابانىڭ ئالدىدا قاتتىق ۋەﻫىمىگە چۆمۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقى ۋە روﻫىي خارابچىلىققا تەڭرىنىڭ بەرگەن ئاشۇ گۇمران قىلىش ‏خاراكتېرلىك جازاسىدىن نالە-پەريات قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز نەنمىندىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە گۇگۇم چۈشكەن چاغلاردا پىيادە ‏مېڭىپ بېقىڭ، يول بويىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەت نەزەر بىلەن قارىشىپ تۇرغان توپ-توپ ئۇيغۇر ‏قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىقتا يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن-‏كەچكەنلەرنى تاماشا قىلىۋاتامدۇ؟ ﻫەر قايسى ئىدارىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئەمگەك ‏قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆمرىدە زادىلا قەدەم باسالمايدىغان ئاشۇ ئالىي رېستۇرانلاردا غۇۋا چىراق يورىقىدا تاماكىسىنى يانتۇ‏چىشلەپ، رېستۇرانغا كىرگەن، مېﻬرى بەختىيار كۈلكىلەر بىلەن تولغان مېﻬمانلارغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ﻫەددى ﻫېسابسىز ئۇيغۇر ‏قىزلىرى زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر يىگىتلىرىچۇ؟ سىز ئەگەر بىر ئىپپەتلىك قىز بولسىڭىز ياكى ئايال بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن ‏ياكى سەنشىخاڭزىدىن گۇگۇم چۈشكەندە زادى پىيادە ئۆتمەڭ. پىيادە ئۆتسىڭىزمۇ ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي مېڭىڭ. بولمىسا بىراۋ ‏سىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئەمدىلا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى ﻫېس قىلغاچقا، ‏رېستۇرانلاردا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناﻫايىتى بايۋەچچە ياشاپ كۆنۈپ قېلىپ ياراتماسلىقى تۈپەيلىدىن يېشى خېلى بىر يەرگە ‏بارغىچىمۇ توي قىلالماي يۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئالدىڭىزنى توسۇپ ياكى كەينىڭىزدىن يېتىشىپ كېلىپ سىزگە گەپ ‏قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسڭىز سىزگە ﻫۆكىرەپ ئېتىلىدۇ. (ﻫەممىسى بۆرە ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۆرە ‏ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىكى تارىخىتىن بېرىقى بىردىنبىر پۇرسەت _ ﻫەم ﻫاياجانلىق ﻫەم بىخەتەر) مانا ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ‏خەلقىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ﻫاياتىغا تەﻫدىت بولىۋاتقا ساقايماس ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ‏ئېتىۋاتىدۇ. ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. ‏
  جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولىدۇ. ئاشۇ زەﻫەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەگەر زەﻫەرلىك ‏چېكىملىك بولمىغان بولسا باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى زەﻫەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپ‏كەتكەندە كىشىلەر «مىللىتىمىز زەﻫەرلىك چېكىملىك بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دەپ قاخشاپ كېتىشكەنىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ ‏ئەمدى ئەيدىز كېسىلى شىددەت بىلەن تارقالغاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نەگە كەتتى؟ ئۇلار نېمىشقا‏قاينىمايدۇ، نېمىشقا داۋراڭ سالمايدۇ؟! ئەلبەتتە بۇنىڭدا سەۋەب بار. بىز ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. ‏سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزۈش ﻫادىسىسىنى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ ‏چىقارغۇچى مەلۇم ماددىي ئۇبيېكت ۋە جىنايەتچىنى ئازدۇرغان نەرسىدىن كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تولۇق‏مۇكەممەللىككە ئېرىشمىگۈچە جەمئىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ﻫادىسىسى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ﻫادىسىلەر گاﻫ بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ‏ئىپادىلىنىپ چىقسا، گاﻫ يەنە بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئاشۇ خىروئىن چەككۈچىلەر جەمئىيەتتىكى جىنايەت‏ئۆتكۈزگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئەگەر خىروئىن بولمىغان بولسا ئۇلار باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ جىنايەت ‏ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب خىروئىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەخلاق‏قارىشىنىڭ يوقلىقى ۋە مەدەنىيەتسىزلىكىدىن. ئەگەر خىروئىن بولمىسىمۇ ئۇلاردىكى ناچار پىسىخىكا، قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ‏ئەخلاق قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئۇلارنى باشقا جىنايەتلەرگە باشلاۋەرگەن بولاتتى. مەيلى جىنايەتنىڭ مەنبەسى نېمە‏بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زەﻫەرلىك چېكىملىك چەككەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ زەﻫەرلىك ‏چېكىملىك چېكىش ئېﻬتىياجى ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مال-مۆلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ناچار ‏تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىقى ﻫالاكەت زەﻫەر چەككۈچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. مانا بۇ زەﻫەرلىك چېكىملىك چېكىش ئاپىتى ‏بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى. ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ﻫاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىروئىن چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. بىراق ئەيدىز كېسىلىگە ‏گىرىپتار بولغانلار ئۇنداق بولىشى ناتايىن.