«ئەدەبىيات گۈلزارى» دىكى ئۆزگىچىلىكلەر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 679 قىتىم
روزى سوپى ئۇچتېكىن
«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتى ئەدەبىيات – سەنئەتكە ئاشىق ﻫاياتىمدىكى يېقىن سىردىشىم ۋە مەۋجۇدلۇقىمنى نامايان قىلىشتىكى مەنىۋى زېمىنىم. بۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر چاڭقىغان دىلىمغا پۈتمەس – تۈگىمەس روﻫىي ئوزۇق بەرسە، ﻫەر ساندىكى تاتلىق، دەل ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن ئىككى مىسرا شېئىر بىلەن بىللە بېرىلگەن فوتو سۈرەتلەر ﻫاردۇقۇمنى چىقىرىدۇ.
ئالايلۇق، 2010 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «سەﻫرا، سەﻫرا گۈزەللىك سەندە، ﻫۆسنىڭ ئۈچۈن رەڭلەر پەيۋەندە»؛ 2011 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «گۈل دەيدۇ ئەجىرنى ئاقلىماق پەرزىم، ئېﻬ، شۇڭا رەڭ بەرگەن تۇپراققا تەزىم»؛ 24 – ئىيۇلدىكى فوتوسۈرەت ئاستىغا بېرىلگەن: «ئىشتىن يېنىپ، كۆڭۈل تارتىپ ئىزدىشىمىز كەچقۇرۇن، دەريا بويى سالقىن ئەجەب، سىردىشىمىز كەچقۇرۇن» قاتارلىق مىسرالار بىزگە ئۆزگىچە كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ تارتىلغان فوتوسۈرەتلەردىن كەلگەن ئېستېتىك ﻫۇزۇرنى نەچچە قاتلاپ بېرىدۇ. بۇ مىسرالار ئاشۇ فوتو سۈرەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىخچام ئىبارىلەر ئارقىلىق تولىمۇ جانلىق ۋە جەلپ قىلارلىق ئىپادىلەپ بەرگەچكە، ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدە ئاسان قالىدۇ .
مېنىڭچە، بۇ شېئىرلارنى «ئەدەبىيات گۈلزارى»مىزغا يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە ئۇنى ئاۋاتلاشتۇرغان خۇش پۇراق گۈللەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ شېئىرلار تۆۋەندىكىدەك ئالاﻫىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ:
بىرىنچىدىن، بۇ شېئىرلار شائىردىن ﻫازىر جاۋابلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. شائىر فوتو سۈرەتنى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، شۇ فوتو سۈرەتنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە دەل كېلىدىغان مىسرالارنى چاقماق تېزلىكىدە قەغەز يۈزىگە قوندۇرۇپ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ شېئىرلار ئۇزۇن شېئىرلارنىڭ قىسقارتىلغان ياكى پىرېسلانغان شەكلىمۇ ئەمەس. ئەمما، ئۇلاردىن ئۇزۇن شېئىرلارغا ئوخشاش چوڭقۇر پىكىر ۋە چىن ﻫېسسىيات تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ پىشقان بەدىئىي ماﻫارىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر فوتو سۈرەتلەرنىڭ ئاستىدىكى ئىككى مىسرا شېئىرنىڭ ئاپتورى فوتوگراف بولماستىن، بەلكى نامسىز قەﻫرىمان مۇﻫەررىردۇر. ئۇلار ئالاﻫىدە كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە پىشقان ئىپادىلەش ماﻫارىتىگە تايىنىپ شېئىر بىلەن سۈرەتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان. مېنىڭچە، مۇﻫەررىرلەرنىڭ خالىس مېﻬنىتى بەدىلىگە باشقىلارنى چاقنىتىشتەك روﻫى ﻫەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
«ئەدەبىيات گۈلزارى»دىكى يەنە بىر يېڭىلىق بولغان «شېئىر ۋە سۈرەت»كە كەلسەك، بۇ سەﻫىپىگە بېرىلگەن قوشماق ئەسەرلەر بىر – بىرىنى ئىزاﻫلاپ، تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ تۇرغانلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ﻫۇزۇرلاندۇرىدۇ. مەسىلەن، 2011 – يىلى 4 – سىنتەبىردىكى سانىنىڭ «شېئىر ۋە سۈرەت» سەﻫىپىسىگە بېرىلىگەن «قاپاق كۆتۈرگەن قىز» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: روزى سوپى ئۇچتېكىن، فوتوگراف: ئابدۇۋاﻫىت خۇدابەردى مۆلجەرى)؛ 2011 – يىلى 4 – دېكابىردىكى سانىنىڭ «شېئىر ۋە سۈرەت» سەﻫىپىسىگە بېرىلگەن «مۇﻫەببەتسىز ياشىماق قىيىن» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئوبۇلﻬاشىم ئەخەت ئېقىن، فوتوگراف: نىجات سابىت) بىلەن «گۈزەللەر» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئابدۇكېرىم مەخسۇت (بۇلبۇل)، فوتوگراف: ئاۋۇت بارات)؛ 2012 – يىلى 22 – يانۋاردىكى «شېئىر ۋە سۈرەت» سەﻫىپىسىگە بېرىلىگەن «يول ياساپ» ناملىق بىر جۈپ ئەسەر (شائىر: ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل، فوتوگراف: ﻫۈسەنجان قاسىم) لەر بىزگە شېئىر بىلەن رەسىم (سۈرەت) نىڭ ئايرىلماس گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
«ئەدەبىيات گۈلزارى»نى ئۆزگىچە ﻫۆسنى ۋە خۇش پۇرىقى بىلەن ئىسمى – جىسمىغا لايىق گۈلزارلىققا ئايلاندۇرغان ساپ شېئىرىيەت سەﻫىپىسىدىكى يېڭىلىقلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتسەك، مېنىڭچە، بۇلارنى «سەﻫىپە سەرخىللىقى» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىساق مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىدىكى شېئىرلارنىڭ سەﻫىپىسى ﻫەر ساندا دېگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. «تەۋەررۈك قۇرلار» سەﻫىپىسىدە خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان، قەلىمى پىشقان شائىرلارنىڭ نادىر شېئىرلىرى؛ «ياش قەلەم» سەﻫىپىسىدە شېئىرىيەت ﻫەۋەسكارلىرىنىڭ ئىزدىنىش روﻫىغا باي شېئىرلىرى؛ «يېڭى يۇلتۇز» سەﻫىپىسىدە يېڭىدىن تونۇلۇۋاتقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى؛ «ئەتىرگۈل» سەﻫىپىسىدە شائىرەلەرنىڭ قىزلىق نازاكەت، ئاياللىق سالاﻫىيەت، ئانىلىق سالاپەت ئۇرغۇپ تۇرغان شېئىرلىرى؛ «بالىلار ئۈچۈن» سەﻫىپىسىدە بالىلار شائىرلىرىنىڭ يەڭگىل، يېقىملىق شېئىرلىرى؛ «ئىستۇدېنتلار سەﻫنىسى»دە يېڭى كۈچلەرنىڭ ياشلىقتىكى جۇشقۇن ﻫېسلارغا باي شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ، ﻫەر ياش، ﻫەر ساﻫەدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى قاندۇرۇلۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ «گۈللەر سۆزلىتىدۇ»، «تېما ئوخشاش، كۆزىتىش ئوخشىماس» دېگەن سەﻫىپىلەردىكى بىر تۈركۈم شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەس – مۇنازىرە قىلىشىدىغان، پىكىر – ئالماشتۇرىدىغان، ئاپتورلارنى ئەدەبىي تەربىيەلىنىش جەﻫەتتىن يېتەكلەيدىغان كوزىر سەﻫىپىگە ئايلىنىۋاتىدۇ.