ﻫەق بېرىشتىن قاچمايلى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 829 قىتىم
پولات ئاماننۇرى
يېقىندا، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىنى ۋاراقلاۋېتىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغىنىم» سەﻫىپىسىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئوقۇشقا كىرىشتىم. كورلا شەﻫەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن غېنى قۇربان ئۆزى قىزىققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تونۇلغان يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلانغا سوئال تاشلاپتۇ. بۇ سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى «باﻫادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار ئۈستىدە بوپتۇ. مەزكۇر ئەسەرلەر توغرىسىدا ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ جايىدا قايتۇرغان جاۋابلىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇپ، تېپىلغۇسىز بايلىققا ئېرىشكەندەك شادلاندىم. غېنى قۇرباننىڭ ئەڭ ئاخىرقى: «نەشر نۇسخىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرنىڭ ئەسەر ئاپتورىدىن ئىجازەت ئالماسلىقى، ﻫەق بەرمەسلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ ﻫەقتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟» دېگەن سوئالى دىققىتىمنى بەكرەك تارتتى. بۇ سوئالنىڭ دىققىتىمنى باشقا سوئاللاردىن بەكرەك ئۆزىگە تارتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىلگىرى نۇرغۇن ئورۇن، شەخىسلەرنىڭ يازغۇچىلارنى نەزىرىگىمۇ ئالماي، پايدا قوغلىشىپ، يانچۇقىنى تومپايتىپ، نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنى زار-زار قاقشاتقانلىقى ﻫەققىدىكى نۇرغۇن ﻫېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يۈرگەنىدى. بۇ ﻫەقتە ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ «دەردى» نى تۆكۈپ، ئىچىنى سەل بوشىتىۋالغانىدى. خۇددى ياسىنجان سادىق چوغلان ئېيتقاندەك: «بۇ گەپنى قىلسام چوغلان پۇلنىڭ كويىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ. بەزى مەسىلىلەردە پۇل ﻫەقىقەتەن ﻫېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەمما ﻫەر قانداق بىر ئەمگەكنىڭ قەدىر-قىممىتى پۇل بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، يازغۇچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى كېرەك» ئەلۋەتتە. بۇ ﻫەقىقەتەنمۇ توغرا، جايىدا ئېيتىلغان، كىشىنى قايىل قىلىدىغان جاۋاب. ياسىنجان سادىق چوغلان قايتۇرغان جاۋابىدا يەنە: «ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹باﻫادىرنامە› نى ئىجازىتىمنى ئېلىپ ﻫەق بېرىپ ئاڭلاتقاندىن باشقا، باشقا تاراتقۇلار رومان، پوۋېست، ﻫېكايە، نەسىرلىرىمنى ئاڭلاتقاندا ياكى رادىيو دىراممىسى قىلىپ ئىشلىگەندە مەندىن ئىجازەت سوراپ قويمىدى» دەپ كۆڭلىدىكى گېپىنى قىلىدۇ. بۇ يالغۇز ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭلا ئەمەس، «سۈرۈشتە قىلىشتىن خىجىل بولغان» نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى بولسا كېرەك.

يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشتىن خېلىغىچە چېۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ يۈردۈم. يازغۇچى بىر تونۇشۇم ئۆزى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بىر روماننىڭ مەلۇم رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلماقچى بولغانلىقىنى، بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە تېلېفون بېرىپ بۇ ﻫەقتە پاراڭلاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، ئاڭلىتىش ﻫەققىنى سوراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۆزى دېيىشتىن خىجىل بولۇپ يۈرگەندە، مېنىڭ بۇ تەۋسىيەيىم ئۇنىڭغا ياغدەك ياقتى. چۈنكى، بۇنداق نادىر روماننى قانچىلىك جاپادا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلىقىنى بىز ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇ شۇ تونۇشۇمنىڭ ئۆزىگە ئايان. ئۇ تېگىشلىك ﻫەققە ئېرىشىشى كېرەك، مەن ئۇنىڭ تېگىشلىك ﻫەققە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلىگەنىدىم. لېكىن، كىم بىلسۇن، باغرى يۇمشاق، «سالاغا بوش» بۇ بۇرادىرىمىز ئامالسىزلىقتىن قارشى تەرەپكە ﻫەق ئالماسلىق، بۇ ﻫەقتە دەۋا-دەستۇر قىلماسلىق ﻫەققىدە تىلخەت بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم، تونۇشۇم بىلەن كۆرۈشكەن كىشى: «بىز ئاڭلاتقان رومانلارغا ﻫەق بەرمەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە رومانىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئۈنگە ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى ئامال يوق» دەپتۇدەك. بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلدى. راست گەپنى دېسەم، بۈگۈنكى كۈندە تونۇشۇمغا ئوخشاش سالاغا كەتكەن يازغۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس.
باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنداق قىسمەتلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، تىپىرلاپ جايىمدا ئولتۇرالمايلا قالىمەن. بىز نېمىشقا باشقىلارغا ﻫەق بېرىشتىن قاچىمىز؟ بۇ يەردە باشقىلارنىڭ ﻫەققىگە قارا سانىماسلىق ﻫەققىدە بايانلارنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ مېنىڭچە زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ مىڭ بىر جاپادا روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرى بولمىغان بولسا، نەشرىيات ئورۇنلىرى، رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئاڭلىتىش تۈرىدىكى پىروگراممىلىرى بولاتتىمۇ؟ بىز نېمىشقا ئەنە شۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى بىلمەيمىز؟ نېمىشقا ئۇلارغا تېگىشلىك ﻫەق بېرىپ، ئۆزگىنىمۇ، ئۆزىمىزنىمۇ خۇش قىلمايمىز؟
يېقىندا بىر پېشقەدەم ئەدىبمۇ ماڭا خېلى «دەردى» نى تۆكۈپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپتۇ-يۇ، ﻫەقنى كەينىگە سۆرەپ، تېخىچە بەرمەپتۇدەك. باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى تىراژدا سېتىڭ، يانچۇقىڭىزنى تومپايتىڭ، لېكىن نېمىشقا ئۇنىڭغا تېگىشلىك ﻫەق بەرمەيسىز؟
بىرەر پارچە كىتابنىڭ قانچىلىك تەستە روياپقا چىقىدىغانلىقىنى، يېزىپ پۈتكۈزۈشكە قانچىلىك ئەجىر كېتىدىغانلىقىنى پەقەت ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئادەملا بىلىشى مۇمكىن. بۇ، باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس. يېقىندا، بىر سورۇندا ياشقا چوڭ بىر ئاكىمىز: «ﻫازىر يازغۇچىلار ئويۇن قاتارىدا كىتاب يازىدىغان بولۇپ كەتتى، ئايدا بىر كىتابمۇ يېزىۋېتىدىكەن. شۇڭا ﻫازىر ئانچە كىتاب ئوقۇمايمەن. تايىنى يوق» دەپ قايناپلا كەتتى. ئەنە شۇ ئاكىمىز مېنىڭچە بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتىنىمۇ ئوڭشاپ يازالماسلىقى مۇمكىن.
بۇ ئاكىمىزغا ئوخشاش كىتابنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان، ﻫەممىنى بىر تاياقتا ﻫەيدەيدىغان، يازغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇرسەت تاپسىلا يازغۇچى ﻫەققىدە دادلايدىغان كىشىلەر ﻫەقىقەتەن كۆپ. سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزچە بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شۇنچە ئاسانمۇ؟ سىز سۆيۈنۈش ئىلكىدە «ۋاﻫ» دەپ ئوقۇغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئەجىبا يازغۇچىلىرىمىز بىر پۈۋلەپلا يېزىپ چىققانمىدۇ؟ ئارىمىزدا بىر پارچە ئۇنۋان ماقالىسىنىمۇ ئوڭشاپ يازالماي، تەرجىمە قىلىپ ياكى خەققە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، پۇل خەجلەپ يازدۇرىدىغان ئادەملەر كۆپ. بولۇشىمىز شۇ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ئەنە شۇ ئەدىبلىرىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەپ، مۇۋاپىق ﻫەق بەرمەيمىز؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن باشقا نەرسە يوق، ئەجىبا ئۇلار شۇ ئارقىلىق نېمىگە يەتمەكچىدۇ؟
ئەنە شۇنداق يازغۇچىلارنى نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويماي، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىدىن پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنىڭ، مۇۋاپىق ﻫەق ئورنىغا تەنبىﻬ بېرىشنىڭ يولىنى تاللىۋالغان كىشىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: بىر-بىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلايلى، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيلى، مۇمكىن بولسا، ئۇلارنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى!