ياشلىق ناخشىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 656 قىتىم
ئەنۋەر ئابلەت
ئېﻬ، ياشلىق! ئۆمۈر پەسىلدىكى خاسىيەتلىك باﻫارسەن، كۈيلەر قامۇسىدىكى ئوتلۇق ئەشئارسەن، مۇراد دەرىخى سەندە چېچەكلەر، ئارمان غۇنچىلىرى سەندە پورەكلەر، ﻫايات بوستانلىقى مېﻬرىڭدە كۆكلەر، ئىقبال مەنزىلىگە ۋىسال تۆكۈلەر، ﻫەر بىر قەدىمىڭگە بەخت يۈكۈنەر.
ئېﻬ، ياشلىق! تۇيغۇ ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق چولپانسەن، كۆڭۈل ساﻫىلىدىكى سۈزۈك فونتانسەن، ئەقىل سەپىرىدىكى غالىب ئوغلانسەن، ۋىجدان يالقۇنجىغان ئۆچمەس گۈلخانسەن، مەۋجۇتلۇق تومۇرىدا ئوخچۇپ ئاققان قان، ﻫۆرمەت تەختىدە بۈيۈك سۇلتانسەن.
ئېﻬ، ياشلىق! شاماللار خىيالىڭدىن قانات ئالغان، بۇلاقلار مېﻬرىڭدىن ساۋاق ئالغان، دەريالار شوخلۇقىڭدىن ئۆرنەك ئالغان، نەۋ باﻫار خىسلىتىڭدىن سىن ئالغان، گۈل-چېچەكلەر ئارمان- تىلەكلىرىڭدىن رەڭ ئالغان، قۇشلار تىنىقىڭدىن ئىلﻬام ئالغان، تاغلار ئىرادەڭدىن سۈلكەت ئالغان، گۈزەللىك نىگاﻫىڭدىن قۇدرەت ئالغان.
ئېﻬ، ياشلىق، مېﻬنەت قۇچىقىڭدا تىكلەپ قەددىڭنى، ئىلىم دېڭىزىدىن سۈزۈپ بەختىڭنى، ئىجاد-ئىختىرادىن قۇرۇپ تەڭتىڭنى، جاپا-مۈشكۇلاتتا مەڭگۈ پۈكۈلمەي، ﻫايات يۈكىنى دەس كۆتۈرۈپ يەلكەڭدە، ئىجاد ﻫىممىتىدە قەددىڭنى ساقلاپ، مېﻬىر دالاسىدا بولۇپ زەر ئاپتاپ، سۆيگۈ-مۇﻫەببەتتە زۇنناردەك چاقناپ، ئىقبال مەنزىلىگە بارىڭنى ئاتاپ، ۋىسال دىلبىرىنى مەﻫكەم قۇچاقلاپ، ئەجىر-ئەقىدەڭدىن تاپقىن قۇد-مۇراد!