guide
ئۇيغۇرلاردا تىل پەرﻫىزلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
861 قىتىم
 
كۆپ يىللىق ئېتىقاد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە خەلقىمىزدە ﻫەر خىل پەرﻫىز سىستېمىسى شەكىللەنگەن. گەرچە بۇنداق مەدەنىيەت ﻫادىسىسى خەلقئارا ئىلىم ساﻫەسىدە بۇرۇنلا تەتقىق قىلىنىپ، بىر مۇنچە نەتىجە يارىتىلغان بولسىمۇ، بىزدە بۇ ساﻫە تېخىچە ئاجىز ﻫالەتتە. شۇڭا، ئىجتىمائىيىتمىزدە شەكىللەنگەن بىر قىسىم مۇرەككەپ، مەنبەسى ئېنىقسىز پەرﻫىزلەرنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ يازمامدا مەن تىل پەرﻫىزىمىزدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچىمەن:
مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، تارىخىي ۋە تەبىئىي ياشاش شارائىتى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا شەكىللەندۈرگەن ياشاش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئىنسانلار پائالىيىتى باشتىن - ئاخىر مۇئەييەن ئادەتلەرنىڭ ﻫەيدەكچىلىكى ۋە چەكلىمىسىدە بولىدۇ. بىر مىللەت ياكى ئىجتىمائىي كوللېكتىپقا نىسبەتەن ئۇلار ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان خاس ئادەتلىرى گويا ﻫاياتنىڭ قانۇنىيىتىدەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، ﻫەر قانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئادىتى تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس ئەمەس، ئۇ ﻫەر قايسى دەۋردە پەيدىنپەي شەكىللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ، ياخشىلىرى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىدۇ.ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تىلنىڭ ئالاﻫىدە ئىپادىلەش رولىغا ئەﻫمىيەت بەرگەچكە، قانداق شارائىت-سورۇندا نېمىنى دېيىش - دېمەسلىكتەك، مۇقەددەسلەنگەن ياكى ناپاك دەپ قارالغان شەيئىلەر ياكى ﻫادىسىلەرنى ئېغىزغا ئالماسلىقتەك ئادەتلەرنى يېتىلدۈرگەن. بۇنداق ئادەتلەر كېيىنچە كىشىلەرنى تىل جەﻫەتتىن چەكلەيدىغان پەرﻫىزلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇلاردىن مەسىلەن: «دېيىشكە بولمايدۇ»، «دېسە ياخشى ئەمەس»، «دېيىش مەنئى قىلىنغان»، «دېمەسلىك كېرەك» دېگەندەك سۆزلەر تىل پەرﻫىزلىرىدىندۇر.
1. ئۆلۈم - يېتىملاردا دىققەت قىلىنىدىغانلىرى. ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىنلا ئۆلۇم - يېتىمگە ئائىت تىل پەرﻫىزلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بىزدە ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىنى «ئۆلدى» دېيىش چەكلىنىدۇ. مەسىلەن، «كۆلتېگىن قوي يىلىنىڭ 13- كۈنى ئۆچتى». بۇ جۈملىدىكى «ئۆچتى» سۆزى «ئۆلدى» مەنىسىدە بولۇپ، بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېيىشتىن پەرﻫىز تۇتۇلغان. بۇ ئادەت دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، بىرەرسى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگەن ئادەمنى بىۋاسىتە «ئۆلدى» دېمەي، «بولالماپتۇ»، «ساقىيالماپتۇ»، «ۋاپات بوپتۇ»، «ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ»، «قازا قىپتۇ»، «تۈگەپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن، ئۆينىڭ چوڭلىرى قازا قىلسا «ئۆينىڭ چىرىغى ئۆچۈپتۇ»، بوۋاقلار قازا قىلسا «چاچراپ كېتىپتۇ»، «چەتنەپ قاپتۇ» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنى ئاتىغاندا، بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاشمۇ مۇسىبەت مەدەنىيىتىمىزگە مۇخالىپ بولۇپ، ﻫاياتتىن كۆز يۇمغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا «مەرﻫۇم»، «مەرﻫۇمە»، «رەﻫمەتلىك» سۆزلىرىنى قوشۇپ ئاتاش ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇندۇر.
2. ئەدەپ - ئەخلاققا دائىر پەرﻫىزلەر. تىل - نۇتقىمىزدا خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەدەپ - ئەخلاقنى مۇﻫىم ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن. چوڭلارنى ﻫۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئاجىز، مېيىپ، ئاغرىقلارنى ئاسراش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، كەمسىتمەسلىك مىللىتىمىزنىڭ ئەدەپ - ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ مۇﻫىم قىسمى. بىزدە ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمى، لەقىمىنى بىۋاسىتە ئاتاش، مېيىپلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى ﻫەرقانداق شارائىتتا تىلغا ئېلىش، باشقىلارنى كەمسىتىدىغان لەقەم بىلەن ئاتاش ئەيىب ﻫېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتىغاندا ئىسمىنىڭ كەينىگە «ئاكا، ئاچا، ﻫەدە، تاغا، ﻫامما، چوڭ دادا، چوڭ ئانا، موما، بوۋا» دېگەندەك ﻫۆرمەت سۆزلىرىنى قوشۇپ چاقىرىش ئادەتكە ئايلانغان.
3. نىكاﻫ ۋە تۇغۇتقا دائىر پەرﻫىزلەر. خەلقىمىزدە بۇرۇندىن كېلىۋاتقان تەنتەنىلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ قانداقتۇر يىگىتلەرنى «خوتۇنسىراپ قاپتۇ»، قىزلارنى «ئەرسىرەپ قاپتۇ» دېگەندەك قوپال سۆزلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇلاققا يېقىشلىق، بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۈزىنى قىزارتمايدىغان سۆزلەر بىلەن، يەنى قىزلارنى «بويىغا يەتتى، چوڭ بولۇپ قالدى»، يىگىتلەرنى «بۇرۇتى خەت تارتىپ قالدى»، «ياتلىق قىلىش»، «تالالىق قىلىش»، «قىز چىقىرىش»، «ئۆي - ئوچاقلىق قىلىش»، «بېشىنى ئوڭشاپ قويۇش»، «بېشىنى قوشۇپ قويۇش»، «ئۆيلەپ قويۇش» دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا تۇغۇتقا ئائىت تىل پەرﻫىزلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئاياللارنىڭ بويىدا قالسا «قورسىقىدا بالىسى بار» دېيىش پەرﻫىز قىلىنغان بولۇپ، «ﻫامىلىدار»، «ئىككى قات»، «ئېغىر بوي»، «ئېغىر ئاياغ»، «بويىدا بار» سۆزلىرى بىلەن ئاتايدۇ. ئاياللار تۇغقاندا «تۇغدى» دېيىشمۇ پەرﻫىز قىلىنغان بولۇپ، ئاياللار تۇغقاندا «يەڭگىدى»، «بوشاندى»، «يېنىكلىۋالدى»،«كۆزى يورۇدى» سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز. تىلىمىزدا يەنە قارغىش تۈسىنى ئالغان سۆز - ئىبارىلەرنى دىيىشمۇ پەرﻫىز قىلىنغان، يەنى «ئۆلۈم كەلمىگەن»، «ئۆلمىگۈر»، «تۇزكور»، «تۇز ئۇرسۇن»، «نانكور»، «بېشىنى يەيدىغان»، «چاقماق ئۇرسۇن»، «لەنىتى»، «دوزىخىي»، «سېسىپ ئۆلگۈر» قاتارلىق قارغىش سۆزلىرىنى خالىغانچە دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا قارغىش تۇتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
تىل پەرﻫىزلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزنىڭ ﻫەممە تەرىپىدە ئۇچرايدىغان، تىل تەركىبلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۆزىدىن چوڭلارنىڭ ئىسمىنى، لەقىمىنى، ئەيىبىنى بىۋاسىتە دېيىش، شۇ كىشىگە بولغان ﻫۆرمەتسىزلىك ۋە شۇ كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارالسا، مېيىپ، ئاجىز، مەجرۇﻫ كىشىلەرنىڭ مېيىپلىقىنى ئەينەن ئاتاپ، دورىسا، كەمسىتسە بالىسى شۇنداق بولۇپ قالىدۇ، قارغىش سۆزلىرى بىلەن باشقىلارنى قارغىسا، قارغىش ئۆزىگە يانىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
تىل پەرﻫىزلىرى بىرىنچى، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ۋە سېﻬرىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، سۆز ئەينەن ئېيتىلماي، سىلىقلاشتۇرۇلۇپ ياكى ئەگىتىپ ئېيتىلىسا، باشقىلارنى بىئارام قىلىشتىن، خاپا قىلىشتىن ۋە كۈتۈلمىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، تىل دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇ دەۋر ئالاﻫىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ تۆتىنچى، تىل پەرﻫىزلىرى قەدىمكى دەۋرلەردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇ قەدىمىيلىككە، مۇرەككەپلىككە ۋە چوڭقۇر قاتلاملىققا ئىگە بولىدۇ؛ بەشىنچى، پەرﻫىز قويۇق ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە بولىدۇ؛ ئالتىنچى، بىر قىسىم تىل پەرﻫىزلىرى بىزنى بىمەنىلىك، بىئەدەپلىكتىن چەكلەيدۇ. شۇڭا، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش بايلىقىدىن ئەستايىدىل، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مىللىتىمىزنىڭ ﻫەر بىر ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارايمەن.