guide
ﻫاياتلىقتىكى ماقال-تەمسىللەر
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
577 قىتىم
 
* دوست نامراتلىقتا بىلىنەر.
* ئۆگەنمىگەن ئەر ـــ تېرىلمىغان يەر.
* ﻫالالدا بەرىكەت، ﻫارامدىن نېرى كەت.
* ﻫۈنىرى يوق ئادەم ـــ مېۋىسىز دەرەخكە ئوخشاش.
* ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېﻬقاننىڭ مېۋىسى يەردە (كۆرۈنەر).
* ئىنسانغا دوستلۇق قىممەتلىك، ئۆمۈرگە ياشلىق (قىممەتلىك).
* ئادەم كۆڭۈلدىن سەمرىيدۇ.
* يەرنى ئالدىغاننىڭ تاغىرى قۇرۇق.
* كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس.
* بىلىمسىز ئادەم ـــ دېرىزىسى يوق ئۆيگە ئوخشايدۇ.