ئەدەبىياتتا شەكىل بىلەن مەزمۇن
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 805 قىتىم
ﻫۈسەنجان نامان
ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ مۇناسىۋىتى — دۇنيا ئەدەبىيات ساﻫەسىدە غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بىر ئەدەبىي ئېقىم. جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى بىر گۈللىنىش دەۋرىگە كىردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ باش كۆتۈرگەن «گۇڭگا شېئىرىيەت» ﻫادىسىسى بىلەن يېڭىچە شېئىر شەكىل قۇرۇلمىسى ﻫادىسىسى مانا مۇشۇ خىل گۈللىنىشنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئۆزگىچە رەڭ ۋە ﻫۆسىن قوشتى.
ئادەتتە بىر خىل مەزمۇننى ﻫەر خىل شەكىل بىلەن ياكى ﻫەر خىل شەكىل بىلەن بىر خىل مەزمۇننى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىل ﻫەم يەككىلىككە ﻫەم بىر-بىرىگە بېقىندى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ سىڭىشىشى، ئۆزگىرىشى ئەسەرنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئەدەبىي ئەسەر بەدئىيلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكىلنىڭ بىرلىكى بەدىئىي ئوبرازدا كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ. ئوبرازنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلى بولىدۇ. يازغۇچى بىر پۈتۈن بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان بەدىئىي ۋاستىلەرنىڭ يىغىندىسى ئەسەرنىڭ بىر پۈتۈن شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوبرازنى پەقەت مەزمۇن ياكى پەقەت شەكىل دېيىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ماﻫىيەت جەﻫەتتە ئىككى نەرسە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەردە كونكرېت ئوبرازدا مۇئەييەن ﻫالدا بىرلىشىدۇ. بەدىئىي ئوبرازدىن ئايرىلغان ﻫالدا ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بىلەن شەكلىنى ئىگىلەش تەس. بۇ ﻫەقتە ﻫەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى يالغۇز ئەدەبىياتنىڭ مەزمۇنىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ شەكلىگىمۇ قارىتىلغان. ئەدەبىياتنىڭ شەكلى مەزمۇنغا خىزمەت قىلىدۇ. مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئىچكى-تاشقى ماددا، ئاڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇنداقلا شائىرنىڭ ﻫېسسىياتنىڭ پارتلاش جەريانىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىكى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرگە ئاساسلانغاندا، مەزمۇن بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئۆزىگە خاس شەكىلنى تەبىئىيلا يارىتىدۇ. مەسلەن، شائىر گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسىگە قاراپ بىردىنلا ئىلﻬامى قوزغىلىپ قولىغا قەلەم ئالغاندا، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئەڭ ئاۋۋال ئەكس ئېتىدىغىنى شېئىرىي پىكىردىكى يالقۇندۇر. ئۇشتۇمتۇت كەلگەن ئىلﻬام مەزمۇن بىلەن شەكىلنى بىر-بىرىگە مەﻫكەم جىپسلاشتۇرىدۇ. ئومۇمەن ئاۋۋال شەكىلنى تۇرغۇزۇۋېلىپ، ئاندىن مەزمۇننى يازىدىغانلار بولمىسا كېرەك.