guide
كېچە
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
871 قىتىم
 
فرانىز كافكا
(ئاۋسترىيە)
 
تۈن پەردىسى يېپىلدى. كېچە چەكسىز سۈكۈت ئىچىدە كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى. ﻫەممە ياقتا ئادەملەر ئۇخلىماقتا. مەنىسىز نەيرەڭ، ﻫاماقەتلەرچە ئۆزىنى ئالداش باشلاندى؛ ئۇلار ئۇخلايدۇ. ئۆز ئۆيىدە، پۇختا كارىۋاتلىرىدا، مۇستەﻫكەم ئۆگزىلىرىدە، يوتقىنىدا، كىرلىك ئۈستىدە گاﻫ تۈگۈلۈپ، گاﻫ كېرىلىپ ئۇخلىشىدۇ. ئىلگىرى شۇنداق بولغان، ئەمدى يەنە شۇنداق بولىدۇ؛ ئەمدىلىكتە ئۇلار ئىنس-جىنسىز بىر بارىگاﻫقا يىغىلىدۇ. سان-ساناقسىز كىشىلەر توپى، بىر چوڭ قوشۇن، بىر مىللەت مۇزدەك ئاسمانغا جۆر بولۇپ ياتقان سوغۇق يەردە، ئۆز جايىدىلا يېتىشىدۇ. بېشىنى بىلىكىگە قويۇپ، يۈزىنى يەرگە قىلىپ جىمجىت نەپەس ئېلىشىدۇ. سەن ئويغاق قاراۋۇلسەن. سەن ئۆيچۆرەڭدىكى شاخ-شۇمبىلار ئارىسىدىن كۆيۈۋاتقان شاختىن بىرنى ئېلىپ، ئۇنى ﻫەر يان پۇلاڭلاتقىنىڭچە ئۆزۈڭگە ئەڭ يېقىن كىشىنى ئىزدەيسەن. سەن نېمە ئۈچۈن ئويغاق؟ ئارىدىن چوقۇم بىرى ئويغاق بولۇشى كېرەك. جاۋاب شۇ، چوقۇم بىر كىشى ئويغاق بولۇشى كېرەك.
 
قۇدرەت بارات تەرجىمىسى