guide
قەلبىمىز سەمىمىيلىكتىن نۇرلانسۇن
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
521 قىتىم
 
مەشﻬۇر پەيلاسوپ ئەپلاتون :« سەمىمىي، ئەمما بىلىمسىز بولۇش ئاجىزلىق، يارىماسلىق، لېكىن بىلىمى بولۇپ، سەمىمىي بولماسلىق ئەڭ خەتەرلىك، قورقۇنۇچلۇق» دېگەنىدى. شۇڭا ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، سەمىمىيلىك ئادەمنىڭ ماﻫىيىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇﻫىم ئۆلچەم. ئۇ يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى كاتالىزاتور.
ﻫازىر جەمئىيىتىمىزدە سەمىمىيلىك باغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، سەمىمىيەتسىزلىك جۈملىسىدىن بولغان يالغانچىلىق، ﻫاياسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق، خۇشامەتگۇيلۇق، ئىرادىسىزلىك، بېخىللىق قاتارلىق يامان ئىللەتلەر خۇددى ئاق كىيىمگە داغ يۇققاندەك بىر قىسىملارنىڭمۇ قەلبىگە ئورناپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئادەت خاراكتېرلىك ئىشقا ئايلىنىپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تاغدەك ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، باشقىلار ئۇنى ئارىغا ئالمايدۇ. باشقىلار ئالدىدا زەررىچىلىك ئىناۋىتىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق ئادەملەر ئادىمىيلىكىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمى بولغان سەمىمىيلىكتىن مەﻫرۇم قالغان، شۇڭا قەدىر-قىممىتىم بولسۇن، ﻫاياتىم نۇرلانسۇن دېسىڭىز، قەلبىڭىزدىن سەمىمىيلىك ئۆچمىسۇن. كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا سەمىمىي بولۇڭ، كۆز بويامچىلىق، ساختىپەزلىك قىلماڭ. ئۇنداق قىلسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن، ﻫۆرمىتىدىن مەﻫرۇم قالىسىز، ئەگەر قەلبىڭىز سەمىمىيلىككە تولسا، باشقىلارمۇ سەمىمىيلىكتىن تەسىرلىنىپ، ﻫۆرمىتىڭىز، ئىناۋىتىڭىز ئېشىپ، تۇرمۇشىڭىز تېخىمۇ گۈزەل، مەنىلىك بولىدۇ.