guide
سەمىمىيەت
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
544 قىتىم
 
(نەسىر)
 گۈلبوستان ئابدۇرېﻬىم
   سەمىمىيەت ئاپئاق قاردەك سۈزۈك، مۇقەددەس، سۆيگۈدەك بۈيۈك يۈرەكلەردە بىخلانغان پەزىلەت غۇنچىسى. ساداقەت يىپىنىڭ جۇلاكار ئۈنچىسى، ئېزگۈ نىيەت، پاك مۇﻫەببەتنىڭ يارقىن جارچىسى.
   ئۇ مىليون يىللار مابەينىدە قىممىتىنى يوقاتماي ۋۇجۇد ئالىمىدىن مەۋجۇتلۇق تۇپرىقىغا تېمىپ، روﻫ قۇياشىدىن ئادىمىيلىك مەنزىلىنى بويلاپ ئىنسانلارنىڭ دىل تەختىنىڭ ئېﻬتىرام سۇپىسىدا ئۆتكۈر نۇرلىرىنى تاراتماقتا. ئۇ، ئەقىل – پاراسەت، ئىنساپ – دىيانەت، ئىلىم ۋە پەزىلەتتىن ئۆزىگە تون كىيگەنلەرنىڭ ئىنسانلىق سەلتەنىتىنى يارقىن مەنىلەرگە، ﻫاياتلىق مۇساپىسىدىكى ﻫەربىر كۈنلىرىنى شىرنىگە ئىگە قىلىدىغان خىسلەتلىك ‹‹پەرىشتە››. ئەكسىچە، يامانلىقتىن ئۆزىگە جەندە ئارتقان، ئادىمىيلىكتىن تانغان كىشىلەرگە نەپرەت ساداقلىرىنى بەتلەپ، ﻫاياتلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇق يىلتىزىغا زەرب بىلەن پالتا ئۇرىدۇ. ﻫاياتنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاق، قىسىلچاقلىرىدا ئۆز ‹‹بەختى›› ئۈچۈن مۇغەمبەرلىككە توقۇلغان تورلارنى رەﻫىمسىزلەرچە چۇۋۇپ، خۇمسىلىق دەرىخىنى قىرقىپ توزغاقتەك توزىتىدۇ. ئىنسانلار بۇ سېخى، ئەلۋەك، نۇرغا تولغان زېمىندا سەمىمىيەتنى ۋۇجۇد تۇپرىقىدا كۆكلىتىپ، ئۇنى ئۆزىگە بەخش ئېتەلىگەن – ئېتەلمىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك، قەدىرسىز سانىلىپ، ئۆز ئەجرىگە لايىق نېسىۋىگە ئېرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار قانچە قەدىر – قىممەتكە ئىگە بولغانسېرى قەلبىدىكى ئەقىدە، ئېتىقادتىن يۇغۇرۇلغان سەمىمىيەت گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ئۆز ﻫىدىنى ئەتراپقا سېخى قۇياشتەك چېچىپ، ئېزگۈلۈكنىڭ شان – نۇسرىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئەگەر، سەمىمىيەت بارلىق ئنساننىڭ قەلىب ئېتىزىغا تارام – تارام تۆكۈلۈپ، مەۋجۇتلۇق يىلتىزىغا سىڭىپ كەتسە، ئۇ چاغدا ﻫاياتلىق باغچىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، تۇيغۇلار شۇ قەدەر ياشارغان، تىلەكلەر قانات قاققان، تومۇر – تومۇرلاردا بۈيۈك يايراش ﻫېسلىرى ئۆركەشلىگەن بولاتتى.