guide
چاقناپ تۇرغان يۇلغۇن چېچىكى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
797 قىتىم
 
قاقاس قۇملۇقتىكى يۇلغۇن تازا چېچەكلىگەن ياز ئايلىرىدا چاقىلىق، چەرچەن ناﻫىيەلىرىگە باردۇق. پىكاپ كورلا شەﻫىرىدىن چىقىپ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 33 – تۈەنىگە كەلگەندە شوپۇر پىكاپتىكى كاشىلىنى سېزىپ توختىدى. دەرۋەقە، پىكاپنىڭ كەينى چاقىدىن يەل قېچىۋاتاتتى، قارىغاندا بالونغا بىرەر نەرسە كىرىپ كەتسە كېرەك. چاق ئالماشتۇرۇلۇپ يولغا چىقتۇق. بىر ﻫازادا يەنە بىر بالونمۇ تېشىلدى. بىز يەنە بىر زاپاس بالوننى ئالماشتۇردۇق. مەنزىلگە يەنە نەچچە يۈز كىلومېتىر بار ئىدى. ئالىمادىس يولدا يەنە كاشىلا چىقسا، ئامالسىز قالاتتۇق.
بىز كىشىلەر توپلاشقان يول بويىدا توختىدۇق. 50 ياشلار چامىسىدىكى موتوسىكلىت مىنىۋالغان بىرەيلەن قېشىمىزغا كەلدى ۋە بىز گەپ سوراپ بولغۇچە ئېغىز ئېچىپ قالدى:
بالون يامىتامتىڭلار؟
بىز باش لىڭشىتتۇق. ئۇ يەنە:
مۇشۇ يەردىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا بىر رېمونتخانا بار، ماڭا ئىشەنسەڭلار، ساقلاپ تۇرۇڭلار، مەنلا ئاپىرىپ يامىتىپ ئەكىلەي، دېدى.
ئۇنىڭ ئۇستاتلىقى ۋە چاققانلىقى بىزنى دىلىغۇل قىلىپ قويدى. ناۋادا ئۇ ئالدامچى بولۇپ، بالوننى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى تاپقىلى بولمايتتى. ئارىسالدىلىقتا ئۇنىڭغا سەپ سالدۇق. قارىماققا ئىشلەمچى سىياقىدىكى بۇ كىشى ئاقۇش كۆڭلەك، قارا ئىشتان كىيىۋالغان بولۇپ، چاسا يۈزى قارىراق، تار پېشانىسى ئاستىدىكى بىر جۈپ قويۇق قېشى، قاشلىرىنىڭ تېگىدىكى نۇر يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى. مەن شوپۇر بىلەن كۆز بېقىشىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دېگىنىگە قوشۇلدۇق. بىز يول بويىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلىدۇق، ئۇ كەلمىدى. ئىچىمىز ئاچچىق بولدى، قارىغاندا تۆت سەپەرداش ئالدانغاندەك قىلاتتۇق. ﻫەممىمىز قىياس ۋە باﻫالىرىمىزنى دېيىشىپ تۇرساق، موتوسىكلىتنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ كەلگەن ئىدى. موتوسىكلىت ئالدىمىزدىلا توختىدى. ئۇ كىشى چىلىق – چىلىق تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، يول بويى ئۆرلىگەن چاڭ – توزانلار ئۇنىڭ يۈزىنى بىر ئالغان، بىراق كۆزى يەنىلا شۇنداق نۇرلىق ئىدى.
ئۇ موتوسىكلىتتىن چۈشۈپ ﻫاسىرىغىنىچە:
سىلەرنى بەك ساقلىتىپ قويدۇم، رېمونتخانىدىكىلەر تاماق يېگىلى كېتىپتىكەن، ئىزدەپ ئاخىر ئوڭشىتىپ كەلدىم، دېدى ئۇ ۋە موتسىكلىتىدىن يېپيېڭى بىر يەلداننى ئېلىپ، بۇنى ئېلىۋېلىڭلار، ئەگەر يولدا يەنە كاشىلا چىقسا ئەسقاتىدۇ.
يۇرتداش، بالوننى يامىتىشقا قانچە پۇل خەجلىدىڭىز؟ دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.
پۇل ئالمايمەن، دېدى ئۇ.
بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ يەنە تېخى سىزنى شۇنچە ئاۋارە قىلدۇق، دېدىم خىجىل بولۇپ.
ئۇ تۇغقىنىمنىڭ رېمونتخانىسى، ئازراقلا ۋاقتىم كەتتى شۇ، ئىشلەتكەن ماتېرىيال پۇلغا يارىمايدۇ، شۇڭا پۇل بەرمىسەڭلەرمۇ بولىدۇ، دېدى ئۇ ﻫېچ ئىش بولمىغاندەك سۆزلەپ.
ئەمىسە يەلداننىڭ پۇلىنى بېرىۋېتەي، دېدى شوپۇر.
بولدى، سىلەر ئىشلىتىڭلار، دېدى ئۇ. نېرى – بېرى دېيىشىپ يۈرۈپ ئۇ ئاخىر يەلداننىڭ 25 يۈەنىنىلا ئالدى.
بۇ جەرياندا كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۇ كىملىكىمىزنى، نەدىن كېلىپ، نەگە كېتىۋاتقىنىمىزنى سوراپمۇ قويمىدى. قارىماققا ﻫەممە ئىشنى ئۇقۇدىغاندەك، بىز خۇددى كونا تونۇشلاردەكلا مۇئامىلىدە بولدى.
ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىكىمىز يۈزىسىدىن رەﻫمەت ئېيتماقچى بولۇپ، ئىسىم – فامىلىسىنى سورىدۇق. ئۇ فامىلىسنىڭ ۋاڭ ئىكەنلىكىنى دەپلا موتوسىكلىتىغا مىنىپ كېتىپ قالدى. ئۇ توپا – چاڭ ئارىسىدا غايىب بولغانغا قەدەر قاراپ تۇردۇق.
«بالا كەلسە قوش كېلەر» دېگەندەك، ئۇ كۈنى چەرچەندىن چىقىپ يۈز نەچچە كىلومېتىرچە مېڭىپ، باراقسان توغراقلىق ئارىسىدا پىكاپ ئۇشتۇمتۇت كونتروللۇقىنى يوقاتتى – دە، ئۆرۈلۈپ ئوڭدا بولۇپ قالدى. مەن يېنىك يارىلانغان يەنە بىر كەسىپدىشىم بىلەن ئۆمىلەپ چىقىپ، پىكاپتىكى ئېغىرراق يارىلانغان باشقا ئىككى كەسىپدىشىمىزنى تارتىپ چىقىرىپ، بىر ئاپتوموبىلنى توسىدۇق، ئۇلار يارىدارلارنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت شىپاخانىسىغا ئېلىپ كەتتى. مەن يەنە بىر كەسىپدىشىم بىلەن چەرچەن ناﻫىيەسىگە ياردەم تەلەپ قىلىپ تېلېفون قىلماقچى بولدۇم، بىراق بۇ يەردە تېلېفون سىگنالى يوق بولۇپ، يولدىن ئۆتكەنلەردىن خەۋەر بېرىشكە توغرا كەلدى. مەن خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە تۆت چاقى ئاسمانغا قاراپ قالغان پىكاپقا ئۈمىدسىزلەرچە تىكىلگەچ كۈتۈپ ئولتۇردۇق. چىڭقى چۈشتىكى توغراقلىق ئالامەت ئىسسىق ئىدى. شامالدىن قىلچە شەپە يوق. پاشىلار توپ – توپ بولۇشۇپ بىزگە «ﻫۇجۇم» قىلاتتى.
قۇياش غەربكە قىڭغىيىپ، ئاستا – ئاستا غايىب بولدى. بىز ﻫودۇقۇشتىن قۇتۇلۇپ ئەسلىمىزگە قايتقىنىمىزدا، قورسىقىمىز كوكىراشقا باشلىدى. بىراق كۆڭۈل ﻫېچنېمە تارتمايتتى. بىز توغراققا يۆلىنىپ مۈگۈدەشكە باشلىدۇق. شۇ ئەسنادا بىر جىپ پىكاپ سىگنال ئۇرغىنىچە يېنىمىزدا توختىدى. گۈللۈك ياغلىق چەگكەن، ﻫالرەڭ چاقماق كوپتا، گۈللۈك يوپكا كىيگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ماشىنىدىن چۈشتى. ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىككى يۆگەك نەرسىنى كۆتۈرگەن خەنزۇ شوپۇر بىز تەرەپكە قاراپ كەلدى.
ئۇلار ئىككى خالتىدىكى نەرسىلەرنى بىر تۈپ توغراق تۈۋىگە يايدى. ئۇلار: بىر كورا چۆپ، بىر كورا مەززىلىك قورۇما، بىر چەينەك چاي، بىر نەچچە تەخسە،چىنە ۋە نەچچە جۈپ چوكا ئىدى.
يەڭلار، قورسىقىڭلار ئېچىپ كەتكەندۇ؟ ئۇيغۇر ئايالنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى تازا راۋان بولمىسىمۇ يېقىملىق ئىدى.
بىزنىڭ بۇ يەردىلىكىمىزنى قانداق بىلدىڭىز؟ سورىدۇق بىز ﻫاياجانلانغان ﻫەم ﻫەيران بولۇپ.
ئۇ چەرچەن تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
مەن ئاۋۇ تەرەپتە ئاشخانا ئاچىمەن، يولدىن ئۆتۈۋاتقانلاردىن بۇ يەردە قاتناش ﻫادىسىسى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىﻬەتلىشىپ تاماق تەييارلاپ، بۇ ماشىنىنى توستۇم – دە، بۇ ياققا كەلدىم، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، بۇ يول ئاسراش ئۇچاستىكىسىنىڭ ماشىنىسىكەن، مېنى ئەكىلىپ قويدى.
بۇ ناتونۇش چىرايلارغا قاراپ، ﻫاياجانلانغىنىمىزدىن نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. بىز غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئايال كۈلۈمسىرىگىنىچە:
ئەنسىرىمەڭلار، مەن ناﻫىيەلىك ﻫۆكۈمەتتىكىلەرگە خەۋەر بېرىۋەتتىم، چوقۇم ئادەم كېلىدۇ، دەپ بىز بىلەن خوشلاشتى. جىپ ماشىنا قايرىلىپ پورەكلەپ ئېچىلغان يۇلغۇن چېچەكلىرىنىڭ كەينىدە غايىب بولدى. بىز ئاشۇ يۇلغۇنغا تىكىلگىنىمىزچە ئۇزاققىچە قاراپ قالدۇق.
يۇلغۇننى قاقاس قۇملۇققا ﻫېچكىم تىكمەيدۇ، بەلكى ئۆزى ئۆسىدۇ. چاقناپ تۇرغان يۇلغۇن چېچىكى ئەركىن يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنى ئالاﻫىدە جەلپ قىلغۇدەكمۇ ئەمەس، ئەمما گۈزەللىكى شۇ قەدەر تەبىئىي ئىدى.
ئۆمەر مۇﻫەممەتئىمىن كروران تەرجىمىسى