بېيجىڭدا ياشىماق ئاسان ئەمەس
- يوللانغان ۋاقتى :
- 11-21
- كۆرۈلۈشى:
- 835 قىتىم
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم، ئەسقەر ياسىن
مۇخبىر: ئابدۇرۇسۇل، سىزنىڭ بېيجىڭدا ياشاپ، خىزمەت قىلىۋاتقىنىڭىزغا ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. ئون يىلدىن بېرى دىكتور ﻫەم رىياسەتچى بولۇپ ئاڭلىغۇچىلاردا ياخشى تەسىر قالدۇردىڭىز. شۇڭا، سىزنىڭ ﻫايات پائالىيىتىڭىزگە ئاڭلىغۇچىلىرىڭىز بەك قىزىقىدۇ، دەپ قارايمىز. بېيجىڭدىكى خىزمىتىڭىز ﻫەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: مەن 1978-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كىچىكىمدىن ئاخبارات كەسپىگە قىزىقاتتىم. 1993-يىلى ئۈرۈمچى شەﻫەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى «ئۆسمۈرلۈك چاغلار» پىروگراممىسىنىڭ ئۆسمۈر مۇخبىرى، ئۆسمۈر رىياسەتچىسى بولغانىدىم. 1995-يىلى 8-ئايدا، ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «تارىم غۇنچىلىرى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى سەككىز مۇخبىر ۋە 17 ئۆسمۈر مۇخبىردىن تەشكىللەنگەن زىيارەت ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە بېيجىڭغا باردىم. بۇ قېتىمقى پايتەخت سەپىرىدە بېيجىڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا زىيارەتتە بولدۇق. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنى كۆردۇق. ئەنە شۇ چاغدىلا سەبىي قەلبىمدە: «بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان ئاكا-ﻫەدىلىرىمىز نېمە دېگەن بەختلىك-ﻫە؟ ئۇلار بىلىمى، ئاۋازى ئارقىلىق خەلقىمىزنى تەربىيەلەيدىكەن. مەنمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق بىر يەردە ئىشلەپ قالسام، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى!» دېگەن ئارزۇ پەيدا بولغانىدى. ئەنە شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، 1996-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىﻬانىدا ئارزۇيۇم بويىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىندىم. مەكتەپ پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىن پەرﻫاد يۈسۈپ، ئايشەم ﻫوشۇر قاتارلىق ئۇستازلار ئۈرۈمچىگە خادىم قوبۇل قىلغىلى كەلگەنىكەن. مەن نەچچە يۈز بالا ئىچىدە ئىمتىﻬاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، 2001-يىل 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى بولغان مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە قەدەم باستىم.
مۇخبىر: سىز شىنجاڭدا چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىۋېتىپسىز، بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن بېيجىڭ ﻫەققىدە قانداق تەسىراتلارغا ئىگە بولدىڭىز؟ تۇرمۇش، خىزمەت جەﻫەتتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟ بۇ قىيىنچىلىقلارنى قانداق يەڭدىڭىز؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: مەن بېيجىڭغا كەلگەندىن باشلاپ تۇرمۇشۇمدا زور ئۆزگىرىش بولدى. مەن بېيجىڭغا كەلگىچە ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغانىدىم. ئۆي ئىشلىرىغا بەكلا خام ئىدىم. بۇ يەرگە كېلىپ ﻫەممىنى يېڭىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى. تاماق ئېتىشنى، كىر يۇيۇشنى، ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇشنى؛ خىزمەتداشلار، دوستلار ۋە چوڭلار بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگەندىم. بېيجىڭدا بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن شەﻫەرنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە بارغىچە نەچچە سائەت كېتىدۇ. مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەيلى مەكتەپ، مەيلى كۇتۇپخانا، مەيلى مېترو، مەيلى ئىدارە بولسۇن، ﻫەممىلا يەرنىڭ بىر خىل ئۆگىنىش مۇﻫىتى، قىزغىنلىق بىلەن تولغانلىقىنى ﻫېس قىلدىم. مەن خىزمەتتە دەسلەپتە خېلى قىينالدىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا «مەن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان، خەنزۇچە سەۋىيەم يۇقىرى» دەپ تېرەمگە سىغماي يۈرەتتىم. بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئويۇمنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ﻫېس قىلدىم. ئىشخانىدا قىلغان تەرجىمىلىرىم ئۇستازلارنىڭ قەلىمىدە قىپقىزىل بويۇلۇپ كېتەتتى، خەنزۇ كەسىپداشلار بىلەن بولغان سۆﻫبەتلەردە مەقسەت مۇددىئايىمنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەي نەچچە قېتىم يەرگە قاراپ قالغانىدىم. ئىشقىلىپ، بىرى تۇرمۇش مەسىلىسى، يەنە بىرى خىزمەتنى قانداق قىلىش مەسىلىسى، يەنە بىرى بېيجىڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەﻫەردە تىل ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتۈپ ياشاش مەسىلىسى مېنى خېلى يىللارغىچە قىينىغان ئىدى. مەن ﻫازىرمۇ خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا كىتاب ئوقۇيمەن، خەنزۇچە ئۆگىنىمەن. قاراپ باقسام ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپكەن.
بېيجىڭدا توي-تۆكۈن ۋە باشقا ئادىمىگەرچىلىكلەر نىسبەتەن ئاز، ئۆگىنىمەن دەيدىغان ئادەمگە ۋاقىت كەڭتاشا، گەپ شۇ ئادەمنىڭ ۋاقىتنى تۇتالىشىدا. تاماق مەسىلىسىگە كەلسەك بېيجىڭدا ساناقلىقلا ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار. بەزىدە بىر تەخسە لەڭمەن يېيىش ئۈچۈن پالان پۇل خەجلەپ تاكسىغا ئولتۇرۇپ، بېرىپ-كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. توي-تۆكۈن يىلدا كۆپ بولغاندا ئالتە-يەتتە قېتىم، بولمىسا بىر ئىككى قېتىم بولىدۇ. توينى قايسى رېستوراندا قىلىش مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە. بېيجىڭدا ئۇيغۇرلار كۆپرەك ئىشلەيدىغان ئىدارە-ئورگانلارنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىلىرى تەسىس قىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەر ﻫەر ﻫالدا ياخشى ﻫەل بولدى.
بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 11 يىل بوپتۇ، مېنىڭ 11 يىللىق تەسىراتىم شۇكى، بېيجىڭدا رىقابەت بەك كەسكىن، ﻫايات رىتىمى تېز، ﻫەممىلا يەر ئۆگىنىش مۇﻫىتى بىلەن تولغان. بۇنداق رىقابەت، ﻫايات رىتىمى بىزگە ئوخشاش ﻫەم خەنزۇ تىلى، ﻫەم ئۇيغۇر تىلىنى تەڭ قوللىنىدىغان، ئۇيغۇر ئاڭلىغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا قارىغاندا باشقا ئىدارە-ئورگان، چوڭ كارخانا-شىركەتلەردە تېخىمۇ كۈچلۈك. دائىم ﻫەر قايسى ئىدارە-ئورگان، شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان دوستلار بىلەن جەم بولغاندا ئۇلار بۇ ﻫەقتە خېلى تەسىرلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ نېگىزى: تىرىشىش، قاتتىق تىرىشىش كېرەك. شۇ چاغدىلا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بىزنىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنى مىسالغا ئالساق، ئايدا نەچچە قېتىم ئىستانسا خىزمەتچىلىرىگە تۈرلۈك تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىنىپ تۇرىدۇ، داڭلىق ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ. خىزمەتچىلەر كىرىپ ئاڭلايدۇ. بېيجىڭدا يەنە ئارام ئالغاچ كىتاب كۆرىدىغان ئورۇنلارمۇ كۆپ، سىز بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا بۇ جايلاردا كىتاب كۆرسىڭىز بولىدۇ، پەقەت چاي پۇلىلا ئالىدۇ، سىز يەنە كىتاب ئارىيەت ئالالايسىز، ئۇلار ئايدا بىر داڭلىق ئالىمنى تەكلىپ قىلىپ لېكسيە ئۇيۇشتۇرىدۇ. لېكسيە ئادەتتە شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. سىزگە ئېلخەت ياكى يان تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق خەۋەر بېرىدۇ، ئاڭلىغۇڭىز بولسا 20 يۈەن تۆلەپ، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئالىمنىڭ لېكسىيەسىنى ئىككىئۈچ سائەت ئاڭلىيالايسىز. ئىشقىلىپ بېيجىڭ ئۆگىنىمەن، نەتىجە قازىنىمەن، ﻫاياتىمنى ئەﻫمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىمەن، دېگەن ئادەمگە نىسبەتەن بىر چوڭ سەﻫنە ﻫېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر: بېيجىڭدا ياشاش جەريانىدا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىڭىز، شۇڭا بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ﻫەققىدىكى تەسىراتلىرىڭىز، ئويلىغانلىرىڭىز، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، خىزمىتى ﻫەققىدىكى چۈشەنچىلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يەردە تىرىكچىلىك ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكالىتەن ئىشلەۋاتقانلىقى ئۈچۈن گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئالاﻫىدە دىققەت قىلىدۇ. چۈنكى، بۇ يەر دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختى، جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ يەر جۇڭگودىكى داڭلىق ئىختىساسلىقلار توپلانغان، 200 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئەلچىسى ماكانلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەﻫەر. ﻫازىر بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن: دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلىرىدا رەﻫبەرلىك ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇرلار، دۆلەتنىڭ ﻫەر قايسى مۇﻫىم ئىدارە-ئورگانلىرىدا، پەن-تەتقىقات، تەشۋىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار، بېيجىڭدا ئاشخانا ، مېۋە-چىۋە، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەﻫەتتىكى تالانتى بىلەن چوڭ، داڭلىق رېستورانلاردا ئىشلەۋاتقان، سەنئەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئويۇن قويىدىغان چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقان سەنئەتچىلەر، ئالىي مەكتەپلەردە دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ شىركەت-كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار، بېيجىڭدىكى ياكى ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ﻫەم چەت ئەللەردە ئوقۇپ قايتىپ كېلىپ ئەلچىخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلار، بېيجىڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئىلىم تەﻫسىل قىلىۋاتقانلاردىن ئىبارەت. مەن رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغان 11 يىل جەريانىدا، بېيجىڭدىكى ﻫەر ساﻫەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۆپرەك زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ﻫەر قېتىم مەيلى قايسى ساﻫەدىكى ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلاي، ئۇلارنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان ئەڭ مۇﻫىم ئالاﻫىيىدىلىكى: ئۇلار مىللەتنىڭ ئوبرازىغا ئالاﻫىدە دىققەت قىلىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن تۆﻫپە قوشۇۋاتىدۇ، دېسەك ﻫەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت يۇرت ئېڭى تولىمۇ كۈچلۈك، بولۇپمۇ ياش زىيالىيلاردا. ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان ياش زىيالىيلار ئايدا بىر-ئىككى قېتىم يىغىلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە شىنجاڭدىن كەلگەن مېﻬمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئولتۇرىدۇ. لېكىن بۇ يەردە سەن ئۇ يەرلىك، مەن بۇ يەرلىك، دەيدىغان گەپ مەۋجۇت ئەمەس. ﻫەممىمىز بىر يۇرتلۇق، ﻫەممىمىز ئۇيغۇر، ﻫەممىمىز خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزگە، خەلقىمىزگە ئازراق بولسىمۇ ﻫەسسىمىزنى قوشۇش ئۈچۈن كەلگەن، شۇڭا بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، ئۆز ئارا ﻫۆرمەتلەپ ئۆتۈش ئەڭ ئەقەللىي ساۋات، دەپ قارايدۇ.
ئۈچىنچىدىن، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك. بېيجىڭدا ﻫەر يىلى دېگۈدەك ئىدارە-ئورگانلارنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرى، نورۇزلۇق، ﻫېيتلىق پائالىيەتلەر، شۇنداقلا توي-تۆكۈن، نەزىر چىراغ قاتارلىق ئۆرپ-ئادىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئىدارە-ئورگانلار، مەكتەپلەرنىڭ ﻫەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ بار. خىزمەتكە بېرىش ۋە خىزمەتتىن چۈشۈشتەك ۋاقىتنى دېمەي تۇرايلى، مەيلى قانداق بىر پائالىيەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سائەت نەچچىگە دەپ چاقىرغان بولسا دەل ۋاقتىدا بارىدۇ. ﻫەتتا دېگەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بارىدىغان ئەﻫۋاللارمۇ بار. بىز ﻫەر دائىم دىيارىمىزدىن كەلگەن دوستلىرىمىزنىڭ مۇشۇ جەﻫەتتە شىنجاڭدا توي-تۆكۈن ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ۋاقىت قارىشىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، سائەت ئالتىدە دېسە، سەككىزگە بارىدىغان ئەﻫۋاللارنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، زىيالىيلارنىڭ بۇ جەﻫەتتە خېلى سۆزلەپ بېقىپ ﻫېرىپ قالغانلىقىنى، ﻫازىر كىشىلەرنىڭ ئاساسەن كۆنۈپ قالغانلىقىنى، بەزى دوستلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئادىمىگەرچىلىك دەستىدىن قېقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، خىزمەتتىن باشقا نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا سەرپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋايسايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ﻫەم بۇ ئىشلارنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ كېتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ پايتەختتە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، يۇرتى شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىرىگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. شىنجاڭدا يۈز بەرگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى تەرەققىياتلارغا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاﻫىدە تۆﻫپە قوشۇۋاتقانلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ. بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەسپىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆرپ-ئادەت، تىل مەدەنىيىتىنى قوغداش ئېڭىمۇ كۈچلۈك. بېيجىڭدا ﻫەر قايسى ئىدارە-ئورگانلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭدەك مۇشۇنداق چوڭ، رىقابەت كەسكىن شەﻫەردە تۇرالىشىنىڭ ئۆزىلا كىشىلەرنىڭ قايىللىقىنى قوزغىشى كېرەك، دەپ قارايمەن. مېنىڭ دىققەت قىلىشىمچە، بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك. ﻫەر قانداق ئىشنىڭ بېشى مەسئولىيەتتىن باشلىنىدۇ. مەيلى خىزمەت، مەيلى تۇرمۇش، مەيلى كىشىلىك مۇناسىۋەت، مەيلى ﻫەمكارلىق جەﻫەتتە بولسۇن ئادەمدە كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغاندا ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
مۇخبىر: يېقىندىن بېرى بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلىپ يازغان ماقالىلىرىڭىز جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغىدى. پايتەختتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلار ﻫەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدا ئېلىم تەﻫسىل قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە باشقا مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆﻫبەت ئۆتكۈزۈپ يازغان ماقالەم «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تەشەككۇر تېلېفونلىرىنى قوبۇل قىلدىم. بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنتلار ئىچىدە ئۆزىنى كەسىپكە بېغىشلىغان، يۈكسەك غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىستودېنىتلار كۆپ. ئىستۇدېنتلار بىلەن دائىم مۇڭدىشىپ تۇرىمىز، دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىدىيەسى بار، ئۇلار شۇنچىلىك ئاددىي-ساددا، تىرىشچان، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كۆپىنچە كۇتۇپخانا، دەرىسخانىدا ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ﻫەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ نەتىجە قازىنىشى ئادەمنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىدىكى نۇرئەلىنى زىيارەت قىلغان چېغىمدا ئۇنىڭ: مەن ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەرياندا 64-بولۇپ قاپتىمەن، بۇ ماڭا شۇنچىلىك ئېغىر كەلدى، بىر يىل ئەتراپلىق پىلان تۈزۈپ، ئەتىگەن سائەت بەشتە تۇرۇپ، كەچ سائەت 12 گىچە پىلانلىق ئۆگىنىش قىلىش نەتىجىسىدە، سىنىپ بويىچە 1-بولدۇم، دېگەن گېپى ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلغانىدى. دېمەك، بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خېلى بار. ئۇلارنىڭ ئوقۇش نىشانى ئايدىڭ.
ئۆتكەندە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلىم تەﻫسىل قىلىپ، ﻫازىر شۇ مەكتەپتە ئىشلەۋاتقان گۈلجەننەتتىن سورىسام، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دوكتۇرلۇق، ماگىستىرلىق، باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى بويىچە ئېلىم تەﻫسىل قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ﻫازىر چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرستېتى، بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئىنىستىتوتى، پايتەخت پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى، قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە ئىلىم تەﻫسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇلار ئېنىقكى، ۋەتىنىمىزنىڭ پەخرى.
مۇخبىر: شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭنى سېلىشتۇرغىنىڭىزدا قانداق روشەن پەرقلەر بار؟ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئارتۇقچىلىق نېمە؟
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: بېيجىڭدا تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلار كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ قۇرۇلتايلىرى ئېچىلىپ تۇرىدۇ. كاتتا پائالىيەتلەر دائىم دېگۈدەك ئۆتكۈزۈلىدۇ. چەت ئەللىكلەرمۇ بېيجىڭدا كۆپرەك. ﻫەممە يەر ئۆگىنىش، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلاش كەيپىياتىغا تولغان. مانا مۇشۇنداق مەدەنىي مۇﻫىت ئادەمنىڭ ﻫەرىكىتىگە، ئوي-پىكرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن. بېيجىڭدا كەڭرى ئۆگىنىش مۇﻫىتى بار، ئەگەر سىز ۋاقتىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىسىڭىز نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. مەن شىنجاڭدىكى دوستلىرىم بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، توي-تۆكۈن، تۈگىمەس ئولتۇرۇش، ﻫەر خىل قائىدە-يوسۇنلار ئۇلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەن.
مەن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن زىيالىيلارنى زىيارەت قىلىپ تونۇشتۇردۇم. ئۇلارنىڭ كەسپىدە نەتىجە قازىنىش «سىرى»نى ئىگىلىدىم. خۇلاسە شۇكى: بىرىنچىسى ﻫەر قانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا نىشان ئېنىق، پىلان ئەتراپلىق بولۇش زۆرۈر ئىكەن. ئىككىنچىسى، ۋاقىتنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىش مەسىلىسى. بەزى كىشىلەر ۋاقتىنى ئەﻫمىيەتسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ. ۋاقتىمىزنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرالىغان چاغدىلا ئىشلىرىمىز نەتىجىلىك بولىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئەستايىدىللىق مەسىلىسى. كونىلار «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دەپ توغرا ئېيتقان. مۇخبىر: بېيجىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتلەرنىڭ تۇرمۇش ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىش بېيجىڭدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىشمۇ قانداق؟ ئۇنىڭدىن باشقا ئۆي سېتىۋېلىش، بالا تەربىيەلەش ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر بار. مۇشۇ ﻫەقتىكى چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېﻬىم: توغرا، بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە بۇ يەردە ئۇزاق يىل تۇرۇپ قالغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ئىش ئوغۇل، قىزلىرىغا مۇۋاپىق لايىق تاللاش مەسىلىسى. بېيجىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، نىكاﻫدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل قاراپ، بالىلىرى قۇرامىغا يەتكەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇلارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېر جەﻫەتتە چىقىشىپ ئۆتۈپ، توي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدى. ياشلار بولسا ئايدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ كۆرۈشۈش مەشرىپىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قىز-ئوغۇللارنىڭ تونۇشۇپ توي قىلىشى ئۈچۈن بىر سەﻫنە ﻫازىرلىدى. بۇلار سان جەﻫەتتە ئاز بولغان ئوغۇل-قىزلارنىڭ يۈز كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ، ئاخىرىدا بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ قېلىشىدا ئوبدانلا ئىجابىي رول ئوينىدى. لېكىن كۆپ ساندىكىلىرى تۇرمۇشتىكى بۇ ئەڭ مۇﻫىم مەسىلىنى ﻫەل قىلىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئەر-ئايال بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ ئەڭ مۇﻫىم ئاچقۇچى ئۆي مەسىلىسى ۋە ئىقتىساد مەسىلىسى. ئۆينىڭ قىممەتلىكىدىن ئۆي سېتىۋالالمىغانلارمۇ بار. بېيجىڭغا كەلگەن ﻫەر قانداق ئادەم بۇ يەردە مال باﻫاسىنىڭ باشقا جايلاردىن خېلىلا قىممەتلىكىنى ﻫېس قىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرمۇ توي قىلىش يېشىدىكى بېيجىڭلىق ياشلارنىڭ بېشىنى قاتۇرماقتا.
بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان، يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ئۇيغۇر ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقىمۇ خېلى بار. ئالدى بىلەن بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، بۇ بالىنى قانداق بېقىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. رىقابەت كەسكىن، تۇرمۇش رىتىمى تېز شارائىتتا بالىنى بېقىش ئۈچۈن، چوقۇم شىنجاڭدىن ئاتا-ئانىلىرى بېيجىڭغا كېلىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار بالىنى بېقىشنىڭ ﻫەر قانداق مۇشەققەتلىرىگە چىدىسىمۇ، لېكىن بېيجىڭدا تۈرلۈك شارائىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇزاق تۇرغۇسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭدىكى ياشلار يۇقىرى مائاش بىلەن شىنجاڭدىن بالا باققۇچى تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇلارمۇ بىر نەچچە ئاي چىداپ بېقىپ، باﻫانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قايتىپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ بالىلار يەسلىگە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنى قانداق بېقىش مەسىلىسى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. شۇنداق بولسىمۇ بېيجىڭدا خىزمەت قىلىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى نۇرغۇن، بىز ﻫەر قېتىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، رادىيودىن ئىبارەت خەلققە ئۇچۇر يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى زېممىسىگە ئالغان ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقى ئۈچۈن ئارزاق بولسىمۇ كۈچ قوشۇۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىغىنىمىزدا قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەيمىز.