guide
بەخت ئىشىكى
يوللانغان ۋاقتى :
11-21
كۆرۈلۈشى:
719 قىتىم
 
نەسر
 
    بەخت ئىشىكى ئالدىمىزدىلا كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ مېﻬىر تەبەسسۇمى ياز گۈللىردەك جىلۋىدار، ئۇ ئېچلىشنى نەقەدەر خالايدۇ-ﻫە؟ لېكىن ئادەمدە غايە، ئېتىقاد، ئىشەنچ بولمىسا، مەڭگۈ بەختنىڭ ئىشىكىنى ئاچالمايدۇ.
    بەخت ـــ ئىرادە جاسارەت، قان-تەر، ئەجىر-مېﻬنەت دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئىشكى ۋاقىتنىڭ پېشىنى مەﻫكەم تۇتۇپ، بىر ئۆمۈر غەيرەت بىلەن ئىشلىگەنلەرگە ﻫامان مەڭگۈ ئوچۇق.
    بەخت ئىشىكى ئۆزنى بىلمەيدىغان، ﻫاماقەت، لەقۋا ئادەملەرنىڭ كۆز يېشىغا، ئاﻫۇ-نالىسىغا، يېلىنىپ يالۋۇرۇشلىرىغا مىت قىلىپمۇ قويمايدۇ. كىمىكى ئۆز قەدىر-قىممىتنى، ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇ بەخت ئىشكى ئالدىدا بىر ئۆمۈر قەلەندەردەك تىلىسىمۇ بەختكە ئېرىشەلمەيدۇ.
    شۇنداق، قۇش پەرۋاز ئۈچۈن،ئىنسان بەخت ئۈچۈن ياشايدۇ. مۇبادا كىمىكى ﻫاياتتىن، تۇرمۇشتىن، قىلغان كەسپىدىن قاقشىسا ۋە بىرەر ئىشنى بېرىلىپ قىلمىسا، ئۇ بەخت ئىشكىنىڭ ئارقىسىدىكى چەكسىز گۈزەللىكتىن بەﻫرىمەن بولالمايدۇ.
    بەخت ئىشىكى ئۆزى قول تىقىپ ئىشلىمەيدىغان، ئەمما قىلغانلارغا چىدىمايدىغان روﻫى پۇچەك، ﻫەسەتخور كىشىلەرگە تاقاق، ئۇ ئۆزىنى، ئەل-يۇرتنى، تۇپرىقىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، ئۆز ئىشىغا پۇختا، ئەقىدىلىك، ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن مەڭگۈ ئوچۇق. ئۇ پۇلغا، سوۋغا قىلغانغا، ﻫوقۇق-مەرتىۋىسىنى پەش قىلغانغا ئېگىلىپ قانىتىنى كەڭ يايمايدۇ.
    بەخت ئىشكى لەززەت، ﻫۇزۇر-ﻫالاۋەتكە ئېرىشىشنىڭ چېگىرسى. ئالەمچە شادلىققا، ﻫاياجانغا چۆمۈلەي دېسڭىز، بەخت ئىشىكىنى چېكىڭ. بەخت ئىشىكىنى چېكىش تاما بىلەن ئەمەس، بەلكى ﻫالال ئەمگىكىڭىز بىلەن ئېچىڭ، شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكى روﻫ ئېتىزلىرىڭىزدا پورەكلەپ ئېچىلغۇسى!
      مەلۇم ژۇرنالدىن ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى: يوپۇرغا ناﻫىيەلىك تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزدىن: مەريەمگۈل ئابدۇللا